ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار(1)

بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار(1)

ۋاقتى: 2016-03-03 ئاۋاتلىقى: 649 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۆھتەرەم بوۋاي بىلقۇتجاننى بەك ساقلىۋەتمەيلا، ئىنسانىيەتنى سۆيۈش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
ـــ بىلقۇتجان بالام، شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى، پۈتكۈل دۇنيا بىر داش قازانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ھايات قايناپ تۇرىدۇ، مىلياردلىغان ھەرخىل ئىرقتىكى ئىنسانلار ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا دوستانە، مۇھەببەتلىك مۇناسىۋەتتىن باشقا، تۈرلۈك زىددىيەت ــ توقۇنۇشلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەتنى سۆيۈش، ئىنسانىيەتنى باراۋەر ئورۇنغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۈشكۈل، ھازىرمۇ زوراۋانلار دۇنيادا مۇشتۇمزورلۇق قىلىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلماقتا. شۇنداقتىمۇ، ئىنسانلار ئاللىقاچان يۈكسەك تەرەققىي قىلغان پەن ـ تېخنىكا دەۋرىگە، ئۇچۇر دەۋرىگە كىرىپ بولدى، پەن ـ تېخنىكىنىڭ قۇدرىتى بىلەن كومپىيوتېر، ئىنتېرنېت تورى پۈتكۈل دۇنيا خەلقىن بىر ـ بىرىگە مەھكەم باغلاپ، بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى«يەر شارى كەنتى» گە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىز ئافرىقىدىكى نېگىرلار بىلەنمۇ، يىراق ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلار بىلەنمۇ، ئاسىيالىقلار بىلەنمۇ بىمالال ئالاقە قىلالايدىغان بولدۇق. كومپىيوتېر تېخنىكىسى ۋە ئىنتېرنېت تورى يەنە بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكا كۈچىنىڭ قانچلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەككە ئايلاندى.


بوۋاي سەل تىنىۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ـــ مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ دۇنيادا ئىنسانلارنى سۆيۈش، ئىنسانىيلىقنى جارى قىلدۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇش، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دوستانە ئۆتۈش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۆزئارا بېرىش ـ كېلىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ھېچ بولمىغاندا ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىزدە يۈكسەك دەرىجىدە مەدەنىيلەشكەن ئىنسانىي خاراكتېر بولدىغانلا بولسا، ئافرىقىدىكى نېگىرلار بىلەنمۇ، ياۋروپالىق ئاق تەنلىكلەر بىلەنمۇ، ئاسىيالىقلار بىلەنمۇ، ئامېرىكىلىقلار بىلەنمۇ ئىناق ئۆتەلەيمىز، بىر ـ بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىمىز، بىر ـ بىرىمىزگە ئوڭۇشلۇق ياردەم بېرەلەيمىز.
ـــ مۇئەللىم بىزگە نېگىرلار، سېرىق تەنلىكلەر توغرىلىق بەزى مەلۇماتلارنى بېرىپ ئۆتكەن ئىدى، ــ دېدى بىلقۇتجان، ــ لېكىن مەن تېخىچە شۇنىڭغا ھەيرانكى، نېمىشقا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ بىرىنىڭ تېرىسى ئاياغ مېيىدەك قارا، يەنە بىرىنىڭ ئاق ۋە سۈزۈك، يەنە بىرىنىڭ سېرىق بولىدىغاندۇ؟



ـــ دۇنيادا تۆت چوڭ ئىرق بار، بۇلار قارا تەنلىكلەر ئىرقى، ئاق تەنلىكلەر ئىرقى، سېرىق تەنلىكلەر ئىرقى ۋە قوڭۇر تەنلىكلەر ئىرقىدىن ئىبارەت. نېگىرلار ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشايدۇ، بۇ يەر شۇنچىلىك ئىسسىق بولغاچقا، قارا تەنلىكلەر شەكىللەنگەن؛ ياۋروپالىقلار ئاق تەنلىكلەرگە كىرىدۇ، بۇ يەر نەم ۋە سوغۇق بولغاچقا، بۇ ئىرق شەكىللەنگەن؛ سېرىق تەنلىكلەر تىپىك شەرقىي ئاسىياغا تەئەللۇق ئىرق بولۇپ، مەملىكىتمىز جۇڭگو، ياپونىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە تارقالغان؛ قوڭۇر تەنلىكلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالايشىيا، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، تىنچ ئوكيان تاقىم ئاراللىرى، ئوكيانىيە قىتئەسىگە تارقالغان بولۇپ، ئاھالە سانى باشقا ئىرقلارغا قارىغاندا ئازراق بولىدۇ. قارايدىغان بولسا قارا تەنلىكلەر يىل بويى قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان جايلاردا، ئاق تەنلىكلەر سوغۇق قاتتىق بولىدىغان رايونلاردا، سېرىق تەنلىكلەر تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان رايونلارغا، قوڭۇر تەنلىكلەر بولسا ھەم ئىسسىق ھەم ھۆل يېغىنى كۆپ رايونلارغا تارقالغان.... شۇنىڭ ئۈچۈن تۆت خىل چوڭ ئىرقنىڭ شەكىللىنىشىدە تەبئىي شارائىت مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما، قەدىمدە ئىنسانلارنىڭ شەرقتىن غەربكە، غەربتىن شەرققە، شىمالدىن جەنۇپقا، جەنۇپتىن شىمالغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە ئىرقلارنىڭ بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش ھادىسىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ يۈز بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئارىلىق ئىرقلارمۇ شەكىللەنگەن. مەسىلەن: تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىرقى غەربكە سۈرۈلگەنسېرى ئاق ئىرققا مايىللىشىدۇ، شەرققە سۈرۈلگەنسېرى سېرىق ئىرققا يېقىنلىشىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى ئەنە شۇ ئاق ئىرق بىلەن سېرىق ئىرق ئارسىدا بولۇپ، ئاق ئىرقنىڭ ئالامەتلىرى سەكسەن پىرسەنت كىشىدە ئەينەن ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما سېرىق ئىرقنىڭ ئالامەتلىرىمۇ خېلىلا روشەن. شۇڭا، ئۇيغۇرلارمۇ ئارىلىق ئىرقتىكى خەلقلەر قاتارىغا كىرىدۇ.

داۋامى بار.......
مەنبە: "پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى