ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟(2)

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟(2)

ۋاقتى: 2015-06-22 ئاۋاتلىقى: 577 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2. دېكستروئامفېتامىن‹Dextroamphetamine,Dexedrine›(右旋苯丙胺): بۇمۇ دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا، بىر قېتىملىق يېيىش مىقدارى 2.5~5 مىللىگرام، كۈنىگە 2 ۋاق، ئەتىگەن ۋە چۈشتە ئىشلىتىلىدۇ. كۈنلۈك يېيىش مىقدارى 10 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. تومۇر سوقۇشى ۋە قان بېسىمىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ تۇرۇش لازىم.


ئەكىس تەسىرى: ئۇيقۇسىزلىق، باش قېيىش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار، ئارام ۋە تەتىل كۈنلىرىدە ئىشلىتىشنى توختىتىش ئارقىلىق ئەكىس تەسىرىنى ئازايتىش ، ئۈچ ياشتىن تۆۋەنلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇ دورىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە ئەكىس تەسىرى پەيسۇجىياجىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك، بىراق دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاسان كۆرگىلى بولىدۇ، ھەم تارتىشىپ قېلىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار، بۇ دورىنى تارتىشىپ قېلىش كېسىلى بار بىمارلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، بۇلارنى بۇ دورىنىڭ ئارتۇقچىلىقى دەپ قاراشقا بولىدۇ.



3.  يەنە بىر خىل نېرۋا ئويغاتقۇچى دورا بېن يىتويىڭ‹ Pemoline,Cylert›(苯异妥英): جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك. دورىنىڭ تەسىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن، ئەتىگەندە مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم يېگۈزسىلا بولىدۇ، ئەكىس تەسىرى ئاز، دېكستروئامفېتامىن ۋە پەيسۇجىياجىغا قارىغاندا ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى تۆۋەن. 6 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، دەسلەپكى ئىشلىتىلىش مىقدارى 10 مىللىگرام، ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغاندا مىقدارىنى 20-40 مىللىگىرامغا كۆتۈرۈشكە بولىدۇ، بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ئاستا كۆرۈلىدۇ، مۇمكىن بولسا دورىنى توختىتىپ ئۈنۈمىنى كۆزىتىپ بېقىش كېرەك. ئىلگىرى جىگىرى دورىغا نىسبەتەن ئاستا خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيسى يۈز بەرگەنلەرگە نىسبەتەن بۇ دورىنى ئىشلىتىش مەزگىلىدە قەرەللىك ھالدا جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
4.  كوففېئىن(咖啡因): بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە نىسبەتەن ئۈنۈمى بار، ھەر قېتىملىق ئىشلىتىلىش مىقدارى 100-150 گىرام، كۈنىگە ئىككى ۋاق، بىراق داۋالاش ئۈنۈمى پەيسۇجىياجى ۋە دېكستروئامفېتامىننىڭكىگە يەتمەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى