ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىلمەك قۇرت كېسىلى ھەققىدە

ئىلمەك قۇرت كېسىلى ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-06-21 ئاۋاتلىقى: 849 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.  ئىلمەك قۇرت تېرە ياللۇغى(钩蚴皮炎): ئىلمەك قۇرتنىڭ بەدەنگە كىرىش ئورنى ئادەتتە پۇت ۋە قول بارماقلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى نېپىز تېرە ۋە بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ئوچۇق ھالەتتىكى تېرە. بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن قىزىل پاللادىي ئەسۋىسى ياكى كىچىك قاپارتقۇ چىقىش، كۆيۈشۈش، يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. تاتىلاپ يارا پەيدا قىلغاندىن كېيىن كۆپىنچە ئىككىلەمچى ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇپ يىرىڭلىق قاپارتقۇ ھاسىل بولىدۇ، ھەمدە قىزىش ۋە لىمفا تۈگۈنى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


2. نەپەس يولى ئالامىتى: جىددىي خاراكتېرلىك ئىلمەك قۇرت لىچىنكىسىدىن يۇقۇملانغان چاغدا، لىچىنكا ئۆپكىگە بېرىپ قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىپ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ياللۇغلانغان ھۈجەيرىنىڭ ئىنفىلتراتسىيەلىنىشى ۋە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،كىلىنىكىلىق ئالامىتى يۆتىلىش،قان ئارىلاش بەلغەم كېلىش، قىزىش، نەپەس تىز بولۇش ۋە زىققا ھەتتا قان تۈكۈرۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كۆكرەك قىسىم X نۇرى رېنتىگېنىدا ئۆپكىدە ۋاقىتلىق ئىنفىلتراتسىيەلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بايقىلىدۇ، قاندىكى كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرىنىڭ سانى ئاشىدۇ، كېسەللىك جەريانى بىر نەچچە كۈندىن بىر نەچچە ھەپتىگىچە بولىدۇ.



3. كەم قانلىق: قانسىراشتىن كېلىپ كەمقانلىق ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى. ئىپادىسى بولسا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى كەمقانلىق، تېرە شىللىق پەردىسى تاتىرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش قاتارلىقلار بولۇپ بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلى قۇۋۋىتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېغىر بولغانلىرىدا قانسىراش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى كۆرۈلىدۇ.
4. ھەزىم قىلىش يولى ئالامەتلىرى: دەسلىپىدە تاماق تاللاش، تاماقنى كۆپ يېيىش ئاسان قورسىقى ئېچىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، قورسىقى كۆپۈپ قېلىش، غەلىتە نەرسىلەرنى يېيىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئېغىر بولغانلىرىدا چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
  مەيلى قايسى خىل پارازىت قۇرت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بالىلارنى تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيىدىغان، قولىنى ئاغزىغا سېلىپ شورىمايدىغان، تىرناقلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرىدىغان، تازىلىقىنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز، بوۋاقلارغا بالدۇرراق ئىشتان كىيگۈزىشىمىز، ئويۇنچۇق، بالىلار ئىشلەتكەن نەرسىلەر، يوتقان كۆرپە قاتارلىقلارنى دائىم يۇيۇپ ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ تۇرۇشىمىز لازىم. ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ مەينەت نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىشىدىن ساقلىشىمىز، ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشىسى يىلدا بىر قېتىم پارازىت قۇرت كېسىلى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پارازىت قۇرت كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى