ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇل بىلەن تۆمۈر تولۇقلاش

بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇل بىلەن تۆمۈر تولۇقلاش

ۋاقتى: 2016-04-06 ئاۋاتلىقى: 467 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆمۈرنىڭ بوۋاقلار نىسبەتەن مۇھىم خۇسۇسىيىتى: ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھېموگلوبىننىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ھېموگلوبىن ئوكسىگىننى بەدەننىڭ ھەرقايسى توقۇلمىلىرىغا توشۇپ يەتكۈزىدۇ، تۆمۈر كەم بولغاندا، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىر بولغانلىرىدا، ھەرىكەت قىلغاندا ياكى بەك يىغلاپ كەتكەندە نەپەس يېتىشمەسلىك، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەر: جىگەر، ئورۇق گۆش، تۇخۇم سېرىقى، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ۋە مېۋە-چىۋىلەر
بوۋاقلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى تۆمۈر تولۇقلاش ئۇسۇللىرى:


1) ئانا سۈتىنى ئېمىش مەزگىلى: ئانا سۈتىدە تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، 1000 مىللىلېتىر ئانا سۈتىدە پەقەت 1.5~2.0 مىللىلېتىر تۆمۈر بولىدۇ، لېكىن ئەمما ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمى %50 كە يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالا ئېمىتىش ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئانا سۈتىدىن باشقا تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان سۈت پاراشوكلىرىنى قوشۇپ بېرىش كېرەك.



2)  قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇلۇش مەزگىلى: تۆمۈر تولۇقلاشنى كۈچەيتىش زۆرۈر. ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلارغا ۋاقتىدا تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك. تۆمۈر مول بولغان سۈت پاراشوكى، گۈرۈچ ئۇنى تائاملىرى، پىرەنىك قاتارلىقلارنى بەرسە بولىدۇ.
3) يېشىغا تېگىش مەزگىلى: تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. سەككىز ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلارغا، تەركىبىدە ھىموپروتېئىن تۆمۈرى(血红素铁) مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك، مەسىلەن، ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش، بېلىق، يېڭى موگۇ، قارا قېرىنقۇلاق، چاچسىمان كۆكتات، چوڭ چىلان، كۈنجۈت مەلھىمى ۋە پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا ۋېتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. بوۋاققا تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش بىلەن بىللە، ۋېتامىن Cمول بولغان مېۋە-چىۋىلەرنى يېگۈزگەندە، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆت ھەسسە ئاشىدۇ. گىلاس، ئاپلىسىن، بۆلجۈرگەن، تونا مېۋىسى(香椿)، چېچەكسەي، قىزىل بۇغداش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، ۋېتامىن C مول بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلاردۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى