ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۈتۈلمىگەن يارىلارنى بىرتەرەپ قىلغاندا چاپلاقنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

كۈتۈلمىگەن يارىلارنى بىرتەرەپ قىلغاندا چاپلاقنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-06-08 ئاۋاتلىقى: 630 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  چاپلاقنىڭ يۈزى كىچىك بولۇش سەۋەبلىك پەقەت دائىرىسى كىچىك، بىرقەدەر تېيىز، جاراھەت يۈزى بىرقەدەر پاكىز، قان كۆپ چىقمىغان، تىكىش ھاجەتسىز بولغان يارا ئېغىزلىرىدا ۋاقىتلىق قان توختىتىش، جاراھەت يۈزىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى چاپلاقنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.


  ئادەتتە نۇرغۇن كىشلەر چاپلاقنى يارا ئېغىزىغا بىۋاسىتە چاپلاپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل خاتا بولۇپ ئاسانلا يارا ئېغىزىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىشلەتكەندە ئالدى بىلەن يارا ئېغىزىنى پاكىزلاش چاپلاق چاپلاشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دالىلارغا چىقىپ ھەرىكەت قىلغاندا تازىلىق شارائىتى ناچار بولۇش سەۋەبلىك يارىلانغاندا ياللۇغلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى  زور بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ نۇقتىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.



  بۇنىڭدىن سىرت، چاپلاقنىڭ ئەتراپى ھۆل بولۇپ قالغان بولسا تېزدىن ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك، دالىدا ھەرىكەت قىلغاندا بۇ نۇقتا تېخىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى چاپلاقنىڭ سۈمۈرۈشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى، ئەگەر دىققەت قىلىنمىغان چاغدا ئاسانلا ھۆل بولۇپ قېلىپ باكتېرىىيەلەر كۆپىيىدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە ھازىر بازارلاردا سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان چاپلاقلار سېتىلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، بولۇپمۇ دالىدا ھەرىكەت قىلغاندا ئەڭ ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدىغان بوغۇمغا نىسبەتەن سۇ ئۆتكۈزمەسلىك رولى ياخشى ئەمەس.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى