ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟(3)

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟(3)

ۋاقتى: 2014-03-23 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

5.  بىڭمىچىن‹Imipramine,Tofranil›(丙米嗪): بۇ دورا ئەسەبىيلىشىشكە قارشى تۇرغۇچى تىپتىكى دورىغا تەۋە، بۇ كېسەلگە نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمىمۇ ياخشى. ئىشلىتىلىش مىقدارى 10 گرامدىن باشلىنىدۇ، كۈندىلىك ئىشلىتىلىش مىقدارى 25-50 مىللىگرام ئەتراپىدا بولۇپ بالىنىڭ يېشى، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. بۇ دورىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنىڭ ئازلاپ كېتىشى ۋاقىتلىق ئەھۋال بولۇپ دورىنى توختاتقاندىن كېيىن نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ. دورىنى ئىشلىتىشنى باشلاپ 4 ھەپتىدىن كېيىن بىر قېتىم ئاق قان ھۈجەيرىسىنى تەكشۈرتۈش، كېيىن ھەي يېرىم ئايدا بىر قېتىم قان تەكشۈرتۈش لازىم. بۇ دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن يەنە، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەپ كېتىش، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش، زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ دورا 12 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ.


6.  روھى كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى تىپتىكى دورىلار: خلورو پرومازىن(氯丙嗪)، تىئورىدازىن‹Thioridazine›(甲硫达嗪)،  بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بار بالىلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.
تۇتقاقلىققا قارشى تۇرغۇچى تىپتىكى دورىلار: دىفېنىل گىدانتوئىن(苯妥英钠)، پۇشىيەنتوڭ(扑痫酮). تارتىشىپ قېلىش كېسىلى قوشۇلۇپ كەلگەن بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. باربىتال(巴比妥类) تىپتىكى تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. داۋالاش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، يېنىك بولغانلىرىغا 6 ئايدىن بىر يىلغىچە، ئېغىر بولغانلىرىغا نىسبەتەن 3 يىلدىن بەش يىلغىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. دورىنى بالدۇر توختىتىپ قويۇش ئاسانلا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.



  روھى داۋالاش:  دورا ئارقىلىق داۋالاش بولسا كېسەللىك ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش بولۇپ ئۇزۇن مەزگىللىك داۋالاش ۋە دورا يېيىش ئارقىلىق كېسەل كونترول قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەل قاراشقا بولمايدىغىنى ئائىلە ۋە مەكتەپتىكى مۇۋاپىق تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇش. بۇ كېسەلگە گېرىپتار بولغان بالىلارغا نىسبەتەن سەۋىرچان بولۇش، كۆڭۈل بۆلۈش، ياخشى كۆرۈش پۇزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش، كېسەل بالىنىڭ ناچار قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن  ئىنتىزام تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، پات-پات ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش لازىم. ئالدىراپلا روھى بېسىم ئىشلىتىشكە، ئەيىبلەشكە، تەن جازاسى بېرىشكە بولمايدۇ. ناچار ئادەتلىرى بار، ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن كۆپرەك يېتەكچىلىك قىلىش، رىتىملىق تۇرمۇش پىلانى ئىچىدە ھەرىكەت قىلغۇزۇپ، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە، ئۆگىنىشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىش، توختىماستىن ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇش لازىم. تەربىيىلەش ۋە ھەرىكەتتىكى يېتەكچىلىك قوشۇلسا داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى