ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك(3)

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك(3)

ۋاقتى: 2014-03-23 ئاۋاتلىقى: 761 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەك تويۇنۇپ تاماق يېدۈرۈمەسلىك--- ئاشقازان-تال يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش
بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بىر قەدەر ئاجىز، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تېخى يېتىلمىگەن، گەرچە ئۆسۈپ-يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولىسىمۇ تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن. ئەگەر بالىلارغا بەك تويۇندۇرۇپ تاماق يېگۈزگەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىپ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ-دە ئاسانلا سۇ يىغلىپ قېلىش، قورساق ئاغرىش، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش---شىللىق پەردىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش
كۆپ سۇ ئىچىپ بەرگەندە شىللىق پەردىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، باكتېرىيەلەرنىڭ بۆسۈپ كىرىشىنى توسىدىغان مۇھىم توسالغۇغا ئايلىنىدۇ. بالىلار يەسلىگە بارغاندا، سىرتلارغا چىققاندا بالىلارغا چاي قۇتىسىغا يېتەرلىك مىقداردا چاي قۇيۇپ بېرىش، بالىلار ئۇسسىغان چېغىدا قاينىغان چاي ئىچىدىغان، قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچمەيدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈش لازىم.



زىيادە پاكىز بولۇپ كېتىشنىڭ ھاجەتسىز--- ئەستە ساقلىغۇچى ئىممۇنىتېت شەكىللەندۈرۈش
 ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يۇقۇم مەنبەسىگە نىسبەتەن ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۇبادا بۇ خىل كېسەللىك مەنبەسى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالسا تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭغا يوقۇتۇش ئېلىپ بارالايدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك زىيادە پاكىز بولۇپ كەتسە بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىش ئارقىلىق ئانتېتىللا ھاسىل قىلىدىغان پۇرسىتى بولمايدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئەكسىچە بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يەنە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى