ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار(2)

بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار(2)

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 578 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ـــ ئەي قەدىرلىك بالام! ـــ دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى مۆھتەرەم بوۋاي،ـــ دۇنيادا ئادەملەرنىڭ تېرىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىكى ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلىرى ئوخشاش، يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قايغۇرىدۇ، كۈلىدۇ، ئائىلە قۇرىدۇ، ھەممىسىلا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈش، ئۇلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتۇر.


بۇنىڭ ئۈچۈن بىز نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تونۇشىمىز، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىشنى ئۆگىنىشىمىز، ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلىرىمىز ئارقىلىق دەسسەپ تۇرغان بۇ زېمىنغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلارنى قىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىمىز، خەلقىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلىشىمىز ناھايىتى زۆرۈر. ئەنە شۇ چاغدىلا باشقا مىللەتلەر، باشقا ئەل خەلقلىرى بىزنى تونۇيدۇ ۋە بىزنىڭ مۇھىم رولىمىزنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە ئۆتۈش، ئۇلارنى چۈشىنىش ۋە سۆيۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيمىز. ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشى باشقىلارنى قانداقمۇ سۆيەلىسۇن؟ شۇڭا، ھەربىر ئادەمدە ئۆزىنىمۇ سۆيىدىغان، باشقىلارنىمۇ سۆيەلەيدىغان ئىنسانىي قەلبنىڭ بولۇشى ناھايىتى زۆرۈر.



شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئەقىل ئىنسانلارنىڭ كامىل يېتەكچىسى، بىردىنبىر قوماندانىدۇر. روھ ـ ئىشلەمچى، ئەقىل ـ باشلامچىدۇر. ئىنسان ئەقلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانى ۋە ئەقىدىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇن ـ قائىدىلىرىگە بويسۇنىدۇ. ئەقلىسىز، ساراڭ كىشىلەر بۇلارغا بويۇن ئەگمەي، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنىمۇ قىلىدۇ. ئىنسانلار ھايۋانلاردىن سۆز ۋە ئەقىل بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ھايۋانلار ئۆزلىرىگە باشقىلار تەرپىدىن كېلىدىغان تەھدىت ۋە جەبىر ـ زۇلۇمنى مۈڭگۈزى، چىشلىرى، تۇمشۇقى، تىرناقلىرى ۋە قۇيرۇقلىرى ئارقىلىق قايتۇرىدۇ. لېكىن، ئىنسان ئەقىل ۋە ئىدراكىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىگە كېلىدىغان زىيان ۋە زۇلۇملاردىن ساقلىنىدۇ. ئىنسانلارغا يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، بويۇنلىرىدىن باغلاپ، چۇلۋۇرلىرىنى قوللىرىغا تۇتقۇزغىنى ئۇلارنىڭ ئەقلىدۇر.
ئىلىم ـ ئىنسانلارنىڭ ھاياتنىڭ مادارى، نىجاتلىقنىڭ رەھبىرىدۇر.
ئىلىم ئۆگىنىش، ئالىم بولۇش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرمەيدۇ، يا ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ. ھۆكۈمالاردىن بىرى: «ئەگەر ئەقلىڭنىڭ قولى نەپسىڭنىڭ تىزگىنىنى تۇتسا، سېنى يامان يوللارغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىغاي.نېمە كۆپ بولسا، شۇنىڭ باھاسى ئەرزان بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل نەرسە ئەقىل، ئىلىم ۋە تەجرىبە سايىسىدە قانچە كۆپەيگەنسېرى شۇنچە قىممەتلىك بولىدۇ» دېگەن. ھەكىملەر ئېيتىدۇكى، ئەقىل ئىگىسى بولغان كىشى يەتتە خىل كىشى بىلەن كېڭەشمەيدۇ. ئۇلار: نادان، دۈشمەن، ھەسەتخور قولۇڭدىكى مال ـ مۈلكۈڭنىڭ سورۇلۇشىنى ئىستەيدۇ. رىياكار كىشى بولسا سېنى قانداق قىلىپ بولمىسىمۇ رازى قىلىشنى ئويلايدۇ، پىكىرىڭگە قارشى ھېچ نەرسە ئېيتمايدۇ، سەن نېمىنى خالاۋاتقان بولساڭ، شۇنى قىلىۋېرىشكە ئۈندەيدۇ. دۇنياپەرەسنىڭ پىكىر ـ خىيالى مال ـ دۇنيا يىغىش بولغانلىقتىن، بەرگەن مەسلىھەتى ئارقىلىق بىرەر نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ھاۋايى ـ ھەۋەسكە ئىنتىلگەن نەس بەندىسى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ نۇقسانلىق ئەقلى بىلەن كىشىنى توغرا پىكىردىن چەتنىتىدۇ. دېمەك، بىز ئەقىل ئىگىسى بولۇشىمىز، ئەقىل ئىگىسى بولغاندىمۇ ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك، بارلىق ياخشى خۇيلارنى باشقىلارغا دوستانە قولىمىزنى سۇنالايمىز، ئىنسانىي خاراكتېرىمىزنى نامايان قىلالايمىز ۋە ئۇلار بىلەن دوستانە، ئىتتىپاق، باراۋەر ئۆتۈش شەرىپىگە ئېرىشەلەيمىز.
مەنبە: "پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى