ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇلدا سىنىك تولۇقلاش

بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇلدا سىنىك تولۇقلاش

ۋاقتى: 2016-11-03 ئاۋاتلىقى: 872 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىنىكنىڭ بوۋاقلارغا نىسبەتەن مۇھىم خۇسۇسىيىتى: سىنىك بەدىنىدە نۇرغۇن مېتال ئېنزىملىرىنىڭ تەركىبىنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ، ئاقسىلنىڭ سىنتېزلىنىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىنىك كەملەپ كەتكەندە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، تەم سەزگۈسى ناچار بولۇش، ئىشتىھاسىزلىق، يارا ئېغىزى ئاسان ساقايماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.


ئەگەر مېڭىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا سىنىك كەملەپ كەتسە، ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىغان ئېغىر ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بوۋاقلاردا سىنىك يېتىشمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئوزۇقلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك بالىلارنىڭ تاماق تاللىشى. ئۇلار شاكىلات، مارو‍‍ژنا، مۇز چوكا، مۇز قايماق، كەمپۈت قاتارلىق پارچە-پۇرات يېمەكلىك


 يېيىشكە ئامراق، ۋاقتى-ۋاقتىدا تاماق يىيىشكە ئۇنىمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىنىك كەملەپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئالدىنقى بەش كۈندە ئوغۇز سۈتىنى ئەممەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىنىكنىڭ يېتىشمەسلىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئاغرىپ ساقايغاندىن كېيىن ئوزۇقلىنىشنىڭ نورمال بولماسلىقىمۇ سىنىكنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال پەقەت بىر قىسىم بوۋاقلاردىلا كۆرۈلىدۇ. ئوغۇز سۈتىدە( بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالدىنقى بەش كۈنى) سىنىكنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەر: گۆش، جىگەر، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە سىنىك مول بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۈت تۈرىدىكىلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر شۇنداقلا كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىمۇ سىنىك بىرقەدەر مول بولىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ كۈنىگە تولۇقلاشقا تېگىشلىك سىنىك مىقدارى: تۆت ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارغا كۈنىگە ئۈچ مىللىگرام، 6~12 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا كۈنىگە 5 گرام.
نۆل ياشتىن بىر ياشقىچە بولغان بوۋاقلارغا سىنىك تولۇقلاش ئۇسۇللىرى:
1) سىنىكنى يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاش.    سىنىكنىڭ كەملەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالىغا ئورۇق گۆش، بېلىق تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى يېگۈزۈش، بالىدا ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈش، تاماق تاللىماسلىق كېرەك. گۈرۈچ، قوناق، ئۇن، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدە سىنىكنىڭ مىقدارى ئاز بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مۇۋاپىق سىنىك تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.



     2) بالىدا سىنىك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش.  ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن سىرت، يەنە دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە سىنىك تولۇقلايدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن، سىنىك گىلىكونات، سىنىك سۇلفات، سىنىك ئاتسېتات قىيامى، كۆپ خىل ۋېتامىنلىق سىنىك قىيامى قاتارلىقلار. نورمال بالىلارنىڭ بىر-ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشتىھاسىنىڭ خېلىلا ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. پۈتۈن داۋالاش باسقۇچى 2~3 ئاي بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەك كۆپ ئىستېمال قىلىپ، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىنىڭ كۈنلۈك سىنىكقا بولغان ئېھتىياجى ئۇنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىنىك تولۇقلايدىغان دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، بەدەندە مىكرو ئېلېمېنتلار يېغىلىپ قېلىپ، زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى