ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇلدا كالتىسىي تولۇقلاش

بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇلدا كالتىسىي تولۇقلاش

ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 972 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كالتىسىينىڭ بوۋاقلارغا نىسبەتەن مۇھىم خۇسۇسىيىتى: ئادەم بەدىنىدىكى ئانئورگانىك تۇزلار ئارىسىدا كالتىسىينىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭ %99 ى سۆڭەك ۋە چىشتا بولۇپ، سۆڭەك ۋە چىشنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. قالغان %1 بولسا يۇمشاق توقۇلمىلار، قان ۋە ھۈجەيرە تاشقى سۇيۇقلۇقى قاتارلىق قىسىملاردا بولۇپ، بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقى بەدەن سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىقىنى تەڭشەيدۇ، نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى شۇنداقلا يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ رىتىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بوۋاقلاردا كالتىسىي كەملەپ كەتكەندە راخت كېسەللىكى ياكى چىشنىڭ ئۆسۈشى ساغلام بولماسلىق، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، پۇت-قوللىرى تارتىشىپ قېلىش ئاسان قاناش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.


تەركىبىدە كالتىسىي مول بولغان يېمەكلىكلەر: راك تېرىسى، لامىنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، سۈت تۈرىدىكىلەر،گۈرۈچ ئۇنىدىن تەييارلانغان سۈت تالقىنى، سۈت پاراشوكى، پۇرچاق ئويۇتمىسى تالقىنى، سېرىق پۇرچاق ۋە ئۇنىڭدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر، يىرىك بۇغداي، يىرىك شال قاتارلىقلار.
بوۋاقنىڭ ھەركۈنلۈك تولۇقلاشقا تېگشلىك كالتىسىينىڭ مىقدارى: 0~6 ئايلىق بولغان بوۋاقلار كۈنىگە300 گرام، 6~12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار 400 گرام.
ئاتا-ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كالتىسىي تولۇقلاش بىلىملىرى: كالتىسىي تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ۋېتامىن D تولۇقلاش كېرەك، بۇ ئۈچەينىڭ كالتىسىينى قوبۇل قىلىشى ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك كالتىسىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنىلا كالتىسىي تابلىتى ۋە ۋېتامىن D تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتۇر.



سۈت مەھسۇلاتلىرى بوۋاقلارنىڭ كالتىسىي تولۇقلايدىغان ياخشى مەنبە ھېسابلىنىدۇ. سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمىگە ئاساسەن، ئانا سۈتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا سۈت پاراشوكى، ئەڭ تۆۋىنى يېڭى سۈت.
ياز كۈنى سىرتتىكى ھەرىكەتلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، بىر ياشتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلارغا ۋېتامىن D تولۇقلايدىغان دورىسىنى بەرمەسلىك كېرەك. بولمىسا ئۇ بەدەندە يېغىلىپ قېلىپ، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
گۈرۈچ ۋە ئاق ئۇننىڭ تەركىبىدە فىتالات كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، كالتىسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۇن يۇغۇرغاندا خېمىر تۇرۇچ سېلىپ، خېمىرنى ئېچىتىپ ئىشلىتىش، گۈرۈچنى ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇپ ئىشلىتىش كېرەك.
پالەك، قىزىل بۇغداش قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى قايناقسۇغا بېسىۋېتىپ، تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتاسىنى چىقىرىۋېتىپ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىلەن بىللە قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسىينىڭ سۈمۈرلۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
كالتىسىي تابلىتىنى سۈت، شوۋىگۈرۈچ ياكى سۇيۇق ئۇماچلارغا سېلىپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى فىتالات كىسلاتاسى كالتىسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، كالتىسىينىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەن بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى كالتىسىي گىلىكونات(葡萄酸钙)، كالتىسىي لاكتات(乳酸钙) قاتارلىق ئورگانىك كالتىسىيلارنى تاللاش كېرەك. 2~3 ياشتىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى بارا-بارا يۇقىرىلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا كالتىسىي مىقدارى مول بولغان ئانئورگانىك كالتىسىيلارنى تاللاپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن، كالتىسىي كاربونات.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى