ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سۈنئىي يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا كېتىدىغان بۇيۇملارنى تازىلاش ھەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىش(2)

سۈنئىي يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا كېتىدىغان بۇيۇملارنى تازىلاش ھەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىش(2)

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 569 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش
بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ بىر ياشقا توشقۇچە ناھايتى ئاسانلا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقنىڭ بوۋاق ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرىنى تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر.


تازىلاش ئۇسۇلى
سۈت بوتۇلكىسىنى تازىلىغاندا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سۈت بوتۇلكىسى چوتكىسى ۋە تازىلاش سۇيۇقلىقى ئىشلىتىش كېرەك. ھەر قېتىم تازىلىغاندا سۈت بوتۇلكىسىنى ۋە ئېمىزگىنى ئايرىم-ئايرىم پاكىزە تازىلاش، باشقا بۇيۇملارنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى تازىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشكېرەك.
سۈزۈك سۇ بىلەن تازىلاپ بولغان بۇيۇملارنى پاكىز چايقىۋېتىش، تازىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ قالدۇقلىرى قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تازىلاپ بولغان بۇيۇملارنى دېزىنفېكسىيلەش ياكى قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسىگە سېلىش كېرەك.



دېزىنفېكسىيەلەش ئۇسۇلى
قاينىتىش ئۇسۇلى: بوۋاقنىڭ بۇيۇملىرىنى ئاستى تۈز قازانغا سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىمىز، ئەگەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە قايتا ئېلىپ ئشلىتىش كېرەك. ئەمما قايتا-قايتا دېزىنفېكسىيە قىلىش ئېمىزگىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمۈرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. ئەگەر سۇلياۋ بۇيۇملار بولسا بۇ خىل ئۇسۇلدا دېزىنفېكسىيە قىلىشقا بولمايدۇ.
پاردا دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۇسۇلى:ئادەتتە ئۆلچەملىك پارغا ئايلاندۇرۇش ماشىنىسى بىلەن پەقەت سۈت بوتۇلكىسىنىلا  دېزىنفېكسىيە قىلىشقا بولىدۇ. ھەمدە دېزىنفېكسىيەلەش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.سۇنى قىزدۇرۇپ قۇرۇتۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىشىگە بولمايدۇ.  بۇ خىل دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ھەم بىر نەچچىسىنى بىرلا ۋاقىتتا دېزىنفېكسىيە قىلىشقا بولىدۇ.
خىمىيلىك دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۇسۇلى: مۇز سۈيى بىلەن خىمىيەلىك ئېرىتمە ياكى ئېرىشچان تابلېتىكا ئىشلىتىش ھەر قېتىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋاقتى 30 مىنۇت بولۇشى، دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەسۋابلارنى يەنە 24 سائەت چىلاپ قۇيۇشقا بولىدۇ. قايتا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىدا دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ بولغان ئەسۋابلارنىڭ سوغۇق سۇ بىلەن تولۇق چايقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا دېزىنفېكسىيە قىلىش: مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئادەتتە مەخسۇس دېزىنفېكسىيە قىلىشقائىشلىتىدىغان ئەسۋاب، ئەمما  كۆپىنچە كىشلەر بۇنى ئىشلەتمەيدۇ.
قاچا يۇيۇش ماشىنىسى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش:  بوۋاقنىڭ بۇيۇملىرىنى قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قىزىق سۇ بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش، لېكىن دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئىشلىتىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى