ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4 ياشلىق 10-12ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

4 ياشلىق 10-12ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-06-07 ئاۋاتلىقى: 549 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟
5ياشقا كىرەي دەپ قالغان بالىڭىزنىڭ كاللىسى پۈتۈنلەي سوئال بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ. توختىماي سوئال سورايدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بارلىقىنى بىلىدۇ ھەمدە جاۋابىنى، سەۋەبىنى بىلمىگىچە بولدى قىلمايدۇ.
مېخانىكلىق يادلاش
بالىڭىز شەيئىلەرنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكىنى مېخانىكىلىق ئەستە ساقلايدۇ. مەسىلەن: بالىڭىز دەرسلىكىدىكى شېئىرلارنى(ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېسىل شېئىرلارنى يادلىتىڭ، بۇنداق بولغاندا كۆپ تەرەپتىن پايدىلىق) يادلىغاندا خەت، سۆزلىرىنى جۈملىمۇ جۈملە يادلايدۇ ئەمما يادلىغان شېئىر  مەنىسنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.


2000-2200 دانە سۆز بايلىقى(بۇ مەزمۇن خەنزۇ بالىلارنى ئاساس قىلغان، ئۇيغۇر بالىلار بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇشى ناتايىن)
بالىڭىز 4 ياشقا كىرگەندە، 1500-1700 دانە سۆزنى يادلاپ بولىدۇ. 5 ياشقا كىرگەندە 2000-2200دانە سۆزنى يادلاپ بولالايدۇ. سۆز مەنىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېيىش، ئىچىش، يېتىپ-قوپۇش، ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناش، تەنھەرىكەت، ئويۇن، ھېكايە سۆزلەش، شېئىر يادلاش، بىرەر ئىشنى تەسۋىرلەش قاتارلىقلار، بۇنىڭلىق بىلەن بىرگە ئابستراكت، ئومۇمىيلاشقان، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك سۆزلەرنىمۇ ئىگەللىگەن بولىدۇ. سۆزلەرنىڭ تۈرى توختىماي كۆپيىدۇ، ئسىم، پىئىل، سۈپەتتىن باشقا يەنە رەۋىش، باغلىغۇچى، ئالدى ياردەمچى سۆز قاتارلىقلار.



ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق
ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش بالىڭىزنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلدىن بىرسى. ناخشا ئېيتىش جەھەتتە، 4-5ياشلىق بالىلار پەقەت مۇئەللىمگە ئەگىشىپ بىر قانچە قېتىم ئوقۇسىلا ئاساسى جەھەتتىن ئۈگۈنۈپ بولالايدۇ، ناخشا رىتىمىنمۇ ياخشى ئىگەللەيدۇ. ئۇسسۇل ئويناش جەھەتتە: بالىڭىز ئادەتتىكى رىتىمغا ئەگىشىپ ئادەتتىكى بالىلار ئۇسۇلىنى تېزلا ئۈگۈنۈپ بولالايدۇ. بۇ بالىڭىزنىڭ رىتىم ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئىنتايىن تېز ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى