ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا بوۋاقلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟

قانداق قىلغاندا بوۋاقلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟

ۋاقتى: 2016-02-05 ئاۋاتلىقى: 524 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


قانداق قىلغاندا بوۋاقلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟

ئاكتىپ چېنىقتۇرۇش :يەنى ئۇخلىغان ۋاقىتتا دېرىزىلەرنى چوڭراق ئېچىۋېتىش ،سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇش ،ھاۋانىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش  ،كۆپرەك ھەرىكەت قىلغۇزۇش كېرەك .
ئوزۇقلىنىشىنى كۈچەيتىش : ئوزۇقلىنىش تەڭپۇڭ بولغاندا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ 
ھەرۋاقىت كىيىم ئالماشتۇرۇش : كىيىمنى ھاۋا كېلىماتىغا ئاساسەن تاللاپ كىيگۈزۈش ،كۆپ ياكى بەك ئاز كىيگۈزمەسلىك ؛قىش كۈنلىرى ئىسسىق يۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش ،ئەتتىگەن-كەچتە قېلىنراق ،چۈشتە نېپىزراق كىيىندۈرۈش؛شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئۆي ئىچى ۋە ئۆي سىرتىنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقىگە ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇش ،سىرتقاچىققاندا سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ؛كىچىك بالىلار ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ،تەرلىگەندىن كېيى دەرھال كىيىمىنى يەڭگۈشلەش كېرەك . سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ ،ھاۋانىڭ بۇرۇن قىسىمدىكى نەملىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ،سوغۇق ھاۋانىڭ بىۋاستە نەپەس يولىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
تازىلىققا دىققەت قىلىپ ،كېسەل قوزغاتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش
مۇھىت بۇلغىنىش ۋە پاسسىپ تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش .ھەر ھەپتىدە ئاچچىقسۇ بىلەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا نەپەس يولىنى ھورلاندۇرۇپ ۋىروس ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق نەپەس يولىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . 
ئۆتۈشمە يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل مەنبەسىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش:كېسەللەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن دەرھال قولىنى يۇيۇش،ئەگەر كېسەللەك ئەھۋالى ئېغىر بولسا ،ئېزولياتسىيە كىيىمى قاتارلىقلارنى كىيىۋېلىش ،ئائىلىدە يۇقۇمدار كىشى بولسا ئۇلارنى ساغلام كىشىلەر بىلەن ئايرىش كېرەك .بۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنى قوغدىغانلىقلا ئەمەس بەلكە بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ئىمكانىيىتىنى كىچىكلەتكەنلىك بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى