ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى

بوۋاقلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ۋاقتى: 2016-05-15 ئاۋاتلىقى: 550 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكىغا گېرىپتار بولغان بوۋاقلادا پۈتۈن بەدىنى ياكى بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا ماي قىسىم قاتتىق بولۇپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ. بۇ بىر خىل ئادەمنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان  پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك. كۆپىنچە قىش ياكى تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغان مەزگىللەردە كۆپ يۈز بېرىدۇ. تېمپېراتۇرىسىنى ياخشى ساقلىيالمىغان بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولغان بوۋاقلار  يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. تۇغۇتتا يارىلانغان بوۋاقلاردا تۇنجۇقۇپ قالغاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە تۇغۇلۇپ 7-10 كۈندىن كېيىن ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە:


 1. «تۆت بولماسلىق»
 ئېمىشى جانسىز بولۇش يەنى«يېمەسلىك». يىغا ئاۋازى ئاجىز بولۇش يەنى«يىغلىماسلىق». چىراي ئىپادىسى يوقۇلۇش،  بەدەن ھەرىكىتى ئاز بولۇش يەنى«ھەرىكەت قىلماسلىق»، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ 31℃-35℃ بولۇش ھەتتا 26℃ چۈشۈپ قېلىش يەنى «ئۆرلىمەسلىك».



2. سوغۇق، قاتتىق، ئىششىش:
يېنىك بولغانلىرىنىڭ بەدىنى دائىرلىك سوغۇق بولىدۇ، ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بولسا پۈتۈن بەدىنى سوغۇق بولىدۇ، بۇ سوغۇق دېيىلىدۇ. تېرە ئاستىدىكى ماي قاتتىق، سىرتقى يۈزى سىلىق، ئاسان قولغا چىقمايدۇ، سۇس سېرىق ياكى كۆكۈش رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، بۇ قاتتىق دېيىلىدۇ. بەدەننىڭ بىر قىسىم ئورۇنلىرىنى باسقان چاغدا ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ، بۇ ئىششىق دېيىلىدۇ. قاتتىق ئىششىق ئادەتتە پاقالچاق ۋە يوتىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، كېيىن بارا-بارا يۇقىرىغا يۆتكىلىپ ساغرا، قورساق، كۆكرەك، قول، يۈز قىسىملىرىغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئالقان، تاپان قاتارلىقلارنىڭ تېرىلىرى ئادەتتە قاتتىق بولۇپ قالمايدۇ.
بوۋاقلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكىنى دەسلەپكى باسقۇچتىكى داۋالاش:  كېسەللىك ئەھۋالى بىرقەدەر يېنىك بوۋاقلارغا نىسبەتەن سىستېمىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ساقىيىپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن مۇنتىزىم داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا بىر قىسىم بوۋاقلاردا نەپەسلىنىش زەئىپلىشىش ۋە ئىككلەمچى ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆپكىسى قاناش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى