ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇشتىكى كىچىك ھەرىكەتلەر

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇشتىكى كىچىك ھەرىكەتلەر

ۋاقتى: 2016-05-16 ئاۋاتلىقى: 551 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. بەدەن بۇراش ھەرىكىتى: بالىلارغا بەدەن بۇراشنى مەشىق قىلدۇرغاندا، مەسىلەن، بالىلارنىڭ بەدىنىنى سول تەرەپكە بۇرىغان چاغدا ئانىلار ئوڭ قولى بىلەن بالىنىڭ سول مۈرىسىنى، سول قولى بىلەن بالىنىڭ ساغرا قىسمىنى تۇتۇپ بالىغا بىرئاز كۈچ بەرگەندىن كېيىن بالىنىڭ بەدەن بۇرىشى بىر قەدەر ئاسانغا توختايدۇ، كېيىن يەنە مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە بالىنىڭ بەدىنىنى ئوڭ تەرەپكە بۇراشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئويۇننىڭ بالىلارنىڭ مۇسكۇل، بوغۇم ۋە ئوڭ-سول مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىنى، ئومۇرتقا ۋە بەل مۇسكۇلىنى، بەدەننىڭ چەبدەسلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىنىڭ كۆرۈش ۋە بىلىش ئىقتىدارىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رولى بار.


  دىققەت!: بالىلارغا بەدەن بۇراش ھەرىكىتىنى ئىشلەتكەن چاغدا ئانىلارنىڭ ھەرىكىتى چوقۇم يېنىك بولۇشى، بەك كۈچىۋەتمەسلىكى، بالىنىڭ بېلىكىنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
2. تارتىشىش ئويۇنى: بالا 4 ئايلىق بولغاندىن كېيىن تارتىشىش ئويۇنى ئوينىتىشقا بولىدۇ. بالىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزغاندىن كېيىن، ئانىلار ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقىنى بوۋاقلارنىڭ ئالقىنىغا تۇتقۇزىدۇ، قالغان بارماقلىرى ئارقىلىق بوۋاقنىڭ بېغىشىدىن تۇتىدۇ، ئىككى قولنى تەكىشى تۇتقاندىن كېيىن بالىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا تارتىلىپ بوۋاقنىڭ بېشى كۆتۈرۈلىدۇ بوۋاقنىڭ مۈرىسى كارىۋاتتىن ئايرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلار جەينىكىنى ئېگىپ كۈچەپ تۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ، مۇشۇ خىل ھالەتتە 3-5 سىكونىتقىچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن بوۋاق ئاستا-ئاستا ئورنىغا ياتقۇزۇپ قويۇلىدۇ، تەكرار 2-3 قېتىم ئىشلىنىدۇ. بۇ خىل ئويۇننىڭ بالىنىڭ ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بويۇن ۋە مۈرە مۇسكۇلىنى مەشىق قىلدۇرۇش، ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق پايدىلىق تەرەپلىرى بار.



  دىققەت!: ھەرىكەت سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىكى، بەك بالدۇر ياكى داۋاملاشتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم، ئۇنداق بولمايدىكەن، بالىنىڭ ئومۇرتقىسىنىڭ مايماق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بالىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت تەرتىپ بويىچە ئاستا ئىشلىنىشى، داۋاملاشتۇرۇلۇش ۋاقتى بىرقانچە سېكۇنتتىن بارا-بارا ۋاقىتنى ئۇزارتىلىشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى