ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاق يۆتىلىنىڭ ئالامەتلىرى

بوۋاق يۆتىلىنىڭ ئالامەتلىرى

ۋاقتى: 2014-04-14 ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاق يۆتىلىنىڭ ئالامەتلىرى 
سوغۇق يۆتەل : يۆتىلىش ،گال قىچىشىش ،بەلغەم سۇيۇقلىشىش ،بۇرنى ئېتىلىش ياكى سۇ ئېقىش ،تىلى گەز باغلاش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ ،بۇنىڭدا ئۆپكىدىكى سوغۇقنى ھەيدەش ئارقىلىق يۆتەلنى توختىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىقراق .
قۇرۇق ئىسسىق يۆتەل : يۆتىلىش ،يېپىشقاق سېرىق بەلغەم كېلىش ،دۇغسىمان پوتلا ئېقىش ،يۇقتۇنچاق قىزىرىپ ئېغىز قۇرۇش ۋە تىلنى سېرىق ،قىزىل گەز باغلاش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ .بۇنى ئۆپكىدىكى ئىسسىقنى ھەيدەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياللۇغنى قايتۇرۇپ يۆتەلنى توختىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىقراق .
ماغدۇرسىز يۆتەل: يۆتىلىش ئۇزۇنغىچە ياخشىلانمىسا يۆتەلگىدەك جانمۇ قالمايدۇ ،بەلغەم سۈزۈكلىشىدۇ ،چىراي ئاقىرىپ كۆپ تەرلەش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ .تالنى داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆپكىدىلكى يۆتەلنىڭ توختىشىغا ياردەم بەرسەك بولىدۇ .
ئىسسىق يۆتەل: يۆتەلسە بەلغەم كۆپىيىش ،سۈزۈك بەلغەم كېلىش ،ئەتتىگەن-كەچتە يۆتەل ئەزۋەيلەش ،كۆپىنچە يەنە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ،شۆلگەي ئېقىش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرىلىدۇ .ھۆل ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئارقىلىق بەلغەمنى كونترول قىلىشقا بولىدۇ .
تېرمال يۆتەل: يۆتىلىش ،سېرىق بەلغەم كېلىش ،ئېغىز قۇرۇش ،كالپۇك قىزىرىش ،سۈيدۈك سارغىيىش ،تەرەت قېتىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ .ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەلغەمنى توختاتساق بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى