بوۋاق يۆتىلىدىن قوغدىنىش
يانفوندا كۆرۈش
سۇ ھورى ئارقىلىق يۆتەلنى توختىتىش
ئۇسۇلى يۆتىلىپ توختىمىغان بوۋاقنى ئادەتتە ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسىنى 20 سېلتسىيە گرادۇس ،نەملىكىنى %65~60 ئەتراپىدا بولغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .ئەگەر بوۋاقتا يۆتىلىش ئېغىر بولسا بوۋاققا سۇ ھورى سۈمۈرتكۈزۈش كېرەك ؛ياكى بوۋاقنى كۆتۈرۈپ سۇ پارلىنىۋاتقان ئۆيدە 5 مىنۇت ئولتۇرۇش كېرەك ،نەم مۇھىت بوۋاقنىڭ ئۆپىسىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇقنى ئاجرىتىپ ،يۆتەلنى توختىتىشقا ياردىمى بولىدۇ .
دۈمبىگە گىرېلكا قويۇش ئارقىلىق يۆتەل توختۇتۇش
گىرېلكىغا 40 سېلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدىكى ئىسسىق سۇنى قۇيۇپ ،سىرتىدىن لۆڭگە بىلەن ئوراپ ،ئۇندىن كېيىن بوۋاقنىڭ دۈمبىسىگە ئۆپكىگە يېقىن قىلىپ قويغاندا سوغۇقنى ھەيدەشنى تېزلەشتۈرۈپ ،تېز سۈرئەتتە يۆتەلنى توختاتقىلى بولىدۇ .بۇ ئۇسۇلنى يەنە زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يۆتەلنى توختىتىشقا قوللانسا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا بوۋاققا بىرنەچچە قات كىيىم كىيگۈزۈپ قويۇش ،بوۋاقنى كۆيدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك .
ئىسسىق ئىچىملىك ئارقىلىق يۆتەلنى توختۇتۇش
ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ يېپىشقاق بەلغىمىنى سۈزۈكلەشتۈرۈپ ،نەپەس يولى يېپىشقاق پەردىسىنىڭ جىددىي ھالىتىنى بوشىتىش ئارقىلىق بەلغەم سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ .ئەڭ ياخشىسى بوۋاقلارغا قايناقسۇ ياكى ئىسسىق كالا سۈتى گۈرۈچ شورپىسى قاتارلىقلارنى ئىچۈرسە بولىدۇ ،بوۋاققا يەنە غىدىقلاش خاراكتېرى بولمىغان يېڭى مېۋە شەربىتى ياكى نەشپۈت شىرنىسى قاتارلىقلارنى بىرىشكە بولىدۇ ،لېمون قاتارلىق تاتلىق مېۋە شەربەتلىرىنى بېرىشكە بولمايدۇ .