بوۋاقلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكى بولسا سوغۇقتا قېلىش، ياللۇغلىنىش، تۇنجۇقۇپ قېلىش، ئاچ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرە ئاستىدىكى ماي قىسىمنىڭ قېتىپ قېلىشى ۋە ئىششىشى بولۇپ بالدۇر تۇغۇلغان، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بوۋاقلادا كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇش، ئېغىر بولغانلىرىدا ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
1. ئىچكى سەۋەب:
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەيدىغان نېرۋا مەركىزى تېخى يېتىلمىگەن بولغاچقا ئاسانلا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تېرە ئاستىدىكى ماي قىسىم نېپىز، بەدەننىڭ سىرتقى يۈزى نىسپىي ھالەتتە بىرقەدەر چوڭ، قان-تومۇرلار كۆپ بولۇش سەۋەبلىك ئاسانلا ئىسسىقلىق تارقىلىپ كېتىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرە ئاستىدىكى ماي قىسىمدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى كۆپ، سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئاسانلا قېتىۋالىدۇ.
بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنىڭ ماي توقۇلمىسى تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان قوڭۇر رەڭلىك ماينىڭ مىقدارى تۆۋەن، شۇڭلاشقا ئېنېرگىيە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەن.
سىرتقى ئامىللار:
سوغۇقنىڭ غىدىقلىشى تەسىرىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنى قان-تومۇرلارنىڭ تارىيىشى ۋە قوڭۇر رەڭلىك ماينىڭ پارچىلىنىپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشىغا تايىنىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ، ئەگەر سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۈزلۈكسىز ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا بەدەندىكى قوڭۇر رەڭلىك ماينىڭ تېز سۈرئەتتە خوراپ كېتىشىنى، بەدەن تېمپېرتۇرسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كېتىشىنى، تېرە ئاستىدىكى مايلارنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاچ قورساق ھالەت ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەتكەندە، ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى نورمال ھالەتتە ساقلاش قىيىنغا توختايدۇ.
ياللۇغلانغان، تۇنجۇقۇپ قېلىپ ئوكسىگېن يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بەدەننىڭ سوغۇققا نىسبەتەن ئىنكاسچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىپ، بەدەندە ئىسسىقلىقنىڭ ھاسىل بولۇشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.