ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياز پەسلىدە بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ياز پەسلىدە بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-05-30 ئاۋاتلىقى: 685 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيقۇ بوۋاقلارغا نىسبەتەن بەك مۇھىم، ئۇيقۇ سۈپىتى بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياز پەسلى يېتىپ كەلدى، بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇسىدا قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟
ئۇخلاش ۋاقتى
ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى بالىلار كېچىسى تەخمىنەن 10~9 سائەتقىچە ئۇخلاشتىن سىرت، 6~3 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى چۈشتە 3~2 سائەتكىچە ئۇخلاش كېرەك. 3 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئايرىم-ئايرىم 2 ~ 1 سائەتكىچە ئۇخلىشى كېرەك.
ھەر قانچە ئىسسىق بولسىمۇ، بالىلارنى يالىڭاچ ئۇخلاتماسلىق لازىم.
چۈنكى بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىدىكى مۇسكۇللار تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن بەك سەزگۈر بولغاچقا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن تېمپېراتۇرا مۇسكۇللارنى غىدىقلاپ ئۇنى قىسقارتىدۇ، ھەم مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق قىسىمنىڭ ئاغرىشىنى ھەتتا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھەر قانچە ئىسسىق بولۇپ كەتسىمۇ، بالىنى يالىڭاچ ئۇخلاتماسلىق كېرەك. يالىڭاچ ئۇخلىغاندا قورساق قىسمىغا ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ. بالا ئۇخلىغاندا نېپىزرەك لۆڭگە يېپىپ قويسىمۇ ياكى جېلىتكە كىيدۈرۈپ قويسىمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا قورساق قىسىمنىڭ ئىسسىق تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئاستىغا كالتە ئىشتان كىيگۈزۈپ قويسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، بالىغا يوتقان ياپماي ھەم بالىنىڭ يوتقاننى تېپىپ ئېچىۋېتىپ بەدىنىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .ئەگەر پۇتىغا پايپاق كىيگۈزۈپ قويسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


مۇھىت جىمجىت ئازادە بولۇشى كېرەك
بوۋاقلار ئادەتتە 26 گرادۇس ئەتراپىدىكى ئۆي ئىچى مۇھىتىدا ياخشى ئۇخلىيالايدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلغان ۋاقىتمۇ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئادەتتە بىر ياكى ئىككى سائەتتە بىر توختىتىش لازىم. ئەڭ ياخشىسى كېچىچە ئوچۇق قويماسلىق لازىم. ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بالىنى بەك ھاياجانلاندۇرماسلىق كېرەك، بالىغا ھېكايە ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ. بالا ئۇخلىغاندا، ئۆي ئىچى بەك يورۇق بولۇپ كەتسە ياكى ئۆيدىكىلەر تېلېۋېزور كۆرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلاشسا، بالىنىڭ نورمال ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا بالىنىڭ ئۇخلىشى ئۈچۈن ياخشى ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ قانغۇدەك ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىشى ئۈچۈن، بالىنىڭ كارىۋىتىغا ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولغان پاشىلىق تۇتۇپ بەرسە ياخشى بولىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پاشا ئۆلتۈرۈش سۇيۇقلۇقى ئىشلەتمەسلىك، دورىنى پۈركىگەندىن كېيىن، دەرىزىنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆي ئىچىدە دورا پۇرىقى قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن بالىنى ئۇخلىتىش كېرەك.



سۈپىتى  ياخشى بورىدا ئۇخلىتىش كېرەك
ئەگەر  بالىڭىز تېخى بوۋاق بولسا بىۋاسىتە بورا ئۈستىدە ياتقۇزسىڭىز بولمايدۇ، بىراق سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ياكى پۇتىنىڭ سۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بورىنىڭ ئۈستىگە بىر قات كىرلىك ياكى لۆڭگە قويغاندىن كېيىن ياتقۇزسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، بورىنىڭ ئۈستىگە بىر قات كىرلىك تىكىۋېتىش، بۇنداق قىلغاندا تەرنى سۈمۈرۈپلا قالماي، يەنە بورىنىڭ قاتتىقلىقى ۋە سوغۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، كىرلىكنى تىكىۋەتكەندە، بىر ئاز بىخەتەر بولىدۇ، بالا ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ ئېغىزى ۋە بۇرنىغا كەپلىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە، بالا ئاغرىپ قالغاندا بورىدا ياتقۇزۇش پايدىسىز.
بالىلارنىڭ بورىسىنى تاللىغاندا چوقۇم سۈپەتلىك، يۈزى سىلىق پارقىراق، سانچىلمايدىغاننى تاللاش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بورىنىڭ بالىلارنىڭ تېرىسىنى زەخمىلەندۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئىشلىتىشتىن ئاۋال پاكىز يۇيۇۋېتىپ،ئاندىن قايناق سۇغا بىر قانچە قېتىم بېسىۋېتىپ، ئاخىرىدا قۇرۇتۇپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك. بورىنى ھەر كۈنى پاكىز سۈرتۈپ ئىشلىتىش، دائىم ئاپتاپقا سېلىپ بالىلاردا ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى پەيدا قىلىدىغان زىيانداش پارازىت قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش لازىم .

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى