ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكىنى داۋالاش ئۇسۇلى(1)

بوۋاقلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكىنى داۋالاش ئۇسۇلى(1)

ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 602 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1›. تېمپېراتۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى:
(1) يېنىك دەرىجىدىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئاستا-ئاستا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئالدى بىلەن بوۋاقنى ئىسسىق ئورالمىلار بىلەن 24-25℃ لۇق ئۆي تېمپېراتۇسىدا بەدەن تېمپېراتۇرسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش. بەدەن تېمپېراتۇرىسى 35℃ قا يەتكەندىن كېيىن ئىسسىتىش ساندۇقى ياكى گرىلكا ئارقىلىق ئىسسىتىش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئىسسىتىش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 26℃ دىن باشلاپ 4~6 سائەت ئىچىدە تېمپېراتۇرىسىنى بارا-بارا  30一32℃  قا چىقىرىش كېرەك، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە بىر گىرادۇس ئۆرلىتىلسە مۇۋاپىق. تېمپېراتۇرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتىۋىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ قان-تومۇرلارنىڭ سىغىمى كېڭىيىپ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ماسلىشالماسلىقىنى، ئىچكى ئەزالار ۋە چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆپكىگە قان ئۇيۇش ۋە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


(2) يېنىك ۋە ئوتتۇراھال‹بەدەن تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بالىلار› غا نىسبەتەن ئىسسىتىش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 30℃ قا چىقارغاندىن كېيىن، تەڭشەش كۇنۇپكىسىنى 30~34℃ تەڭشەپ ئىسسىتىش ئېلىپ بېرىش. ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشنى ئازايتىش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىش، 6-12 سائەتكىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى نورمال ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم.



(3) ئېغىر دەرىجىدىكى ‹بەدەن تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن تۆۋەن بالىلار› غا نىسبەتەن بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن 1~2℃ يۇقىرى بولغان ئىسسىتىش ساندۇقى ئارقىلىق ئىسسىتىش، ھەر بىر سائەتتە ئىسسىتىش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى o.5~1℃ قىچە ئۆرلىتىش‹34℃ تىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ›،12-24 سائەتكىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى نورمال ھالەتكە يەتكۈزۈش ۋە ئىسسىتىش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ھالەتتە ساقلاش.
(4) مۇقىم تېمپېراتۇرلۇق سۇ ۋاننىسى ئۇسۇلى: بوۋاقنى 39~42'C بولغان مۇقىم تېمپېراتۇرلۇق ۋاننىغا سېلىش‹ ئۆي تېمپېراتۇرسى 24℃ ياكى سەل يۇقىرى بولۇشى كېرەك› كىندىك قىسىمنى دېزىنفېكسىيەلەنگەن داكا بىلەن ئورىغاندىن كېيىن رېزىنكە ئارقىلىق باغلاپ مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق سۇنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىنىڭ بېشىنى سۇدىن چىقىرىپ قويۇپ قالغان پۇت-قوللىرىنى ۋاننىغا چىلاش، ھەر قېتىمدا 15 مىنۇت، كۈنىگە ئىككى قېتىم، تاكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكى يوقىغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش لازىم. مىكرو دولقۇن، ئىنفىرا قىزىل نۇر قاتارلىقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىش ئۈنۈمىمۇ ياخشى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى