ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ ئولتۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى

بوۋاقنىڭ ئولتۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى

ۋاقتى: 2016-06-30 ئاۋاتلىقى: 638 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،  بوۋاق ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككىنچى فزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي،  تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارى،  كۆرۈش ۋە تېگىش سەزگۈسىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئولتۇرۇش مەشىقى
ۋاقتى: 4 ئايلىقتىن باشلاپ ھەركۈنى بوۋاق بىلەن ئولتۇرۇش ئويۇنى ئويناپ،  بەل مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشقا بولىدۇ.


مەشقلەندۈرۈش ئۇسۇلى:
بوۋاقنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ،  مۈرىسىدىن تارتىپ بېشىنىڭ ئارقىغا ئېگىلىدىغان-ئېگىلمەيدىغانلىقىغا قاراش،  ئەگەر بوۋاق بېشىنى ئالدىغا قاراپ ئېگەلىسە،  بويۇن مۇسكۇلى بەلگىلىك كۈچىنىشكە ئىگە بولغان بولۇپ،  ئولتۇرغۇزۇشقا بولىدۇ.  ئەگەر بېشى كەينىگە ساڭگىلىسا مەشقنى كېچىكتۈرۈش لازىم.  زورمۇ-زور ئولتۇرغۇزغاندا،  بوۋاقنىڭ بېشى كەينىگە ساڭگىلىغان ھالەتتىن بىراقلا ئالدىغا ئۆتسە مېڭىنىڭ سىلكىنىپ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
كۆپ قېتىملىق مەشىق ئارقىلىق بوۋاق ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىككىنە ياردىمى بىلەنلا ئولتۇرالايدىغان بولىدۇ.  بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلار ياردەمنى تەدرىجىي ئازايتىش ئارقىلىق ئۆزى ئولتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم.  ئولتۇرۇشنى دەسلەپ ئۆگەنگەندە بەدىنى ئالدىغا ئېڭىشكەن ھالەتتە بولىدۇ،  تەدرىجىي ھالدا رۇس ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ.  مەشق جەريانىدا «تۇر»،  «يات» دېگەندەك كوماندا بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرىكەت بىلەن ئاڭلاش سېزىمىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش
دەسلەپكى مەزگىلدە ۋاقىتنى 5 مىنۇت ئەتراپىدا كونترول قىلىش،  تەدرىجىي ھالدا 15-20 مىنۇتقا ئۇزارتىش كېرەك.  بوۋاق ئالدىدىكى ئويۇنچۇقنى ئېلىش ئۈچۈن ئېڭىشىپ،  پاقا شەكىلدە ئولتۇرىدۇ،  بۇ ھالەت نەپەسلىنىشكە زىيانلىق بولغانلىقتىن 10 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشماسلىقى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى