ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى

بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى

ۋاقتى: 2016-06-19 ئاۋاتلىقى: 614 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر يېرىم ياشتىن  ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى

بالىلار رەسىم سىزىشتا ئشلىتىدىغان  قەلەم، ماي بوياق، رەسىم سىزىدىغان تاختاي قاتارلىقلار.
ھەرخىل ئاددى بولغان  قۇراشتۇرما رەسىم، بالىلارغا ھەرخىل شەكىللەرنى تونۇشنى ئۆگىتىدۇ، بالىلار شۇنى بۇزۇپ قايتا قۇراشتۇرۇشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. 
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
بالىلار قەلەم  ئىشلىتىشنى  ئۆگەنگەندىن كىيىن قەغەزگە  ۋە  ئۆينىڭ  تاملىرىغا قالايمىقان سىزىپ ئوينىشى مۇمكىن، بۇنداق چاغلاردا قانداق قىلىش كېرەك ؟
 بالىغا  ھەرگىز  ۋارقىراپ جارقىرىماسلىق كېرەك، بولمىسا  كەلگۈسىدىكى  بىر داڭلىق  رەسسامنى نابۇد قىلىپ قويىشىمىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە ئۇنى شۇنداق دەپلا ئەركىنلىكىگە قويىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ، سىز ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەپ ، رەسىم سىزىدىغان مۇۋاپىق جاي ۋە ھەر خىل ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدىغان ئويۇنچۇقلار : 
ياغاچتىن ياسالغان ھەرخىل قۇراشتۇرما  ئويۇنچۇقلار : ياغاچ ۋېنتا ، ياغاچ گايكا ۋە ھەرخىل ياغاچ پارچىلىرىدىن  قۇراشتۇرۇلۇپ چىقىدىغان ئويۇنچۇق ماشىنا قاتارلىقلار، بالىلار ئۇنى بۇزىۋېتىپ يەنە قايتا ياساپ ئويناشنى ياقتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ  چوڭ- كىچىك ۋىنتىلارغىمۇ قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن .
كۇبىك ئويۇنچۇقلار : بالىلار ئۇنى بۇزۇپ قايتا قۇراشتۇرۇش جەريانى  ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياخشى بولۇپ تەپەككۈر قىلىش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى ئېشىشى مۇمكىن.
ھەرپلىك سۇلياۋ تاختايلار : 26 ھەرپنى قاتار تىزىپ بالىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ قايتا  ئېلىۋىتىپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىنى تاپقۇزۇپ جايىغا كىرگۈزۈش، بۇ ئويۇنچۇقنى بالىلار ئويناۋەرسىمۇ زېرىكىپ قالمايدۇ، ھەمدە بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ  ھەرپلەرنى تونىۋىلىشىغىمۇ پايدىلىق. ئۇزۇن ئۆتمەي سىز ئۇنىڭ ھەرپلەرنى توغرا تەرتىپتە ئوقۇيالىغانلىقىنى  ھەم  ھەرپلەرنىڭ ئورنىنى ناھايىتى تېز تاپالايدىغان  بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھەيرانلىقتا بايقايسىز.بۇنداق ئۆگىنىش  ھەم قىزىقارلىق ھەم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى