ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك

بالىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك

ۋاقتى: 2015-12-09 ئاۋاتلىقى: 620 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟
ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىدە ئۆز-ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشىنىش تۇيغۇسىنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ئۆزىگە ئىشىنىش بالىلاردىكى تۇغما قابىلىيەت بولماستىن ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردىمىدە تەدرىجىي يېتىشىپ چىقىدىغان خاراكتېردۇر. تۆۋەندە ئاتا-ئانىلارغا بالىلاردىكى ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش خاراكتېرىنى قانداق يېتىلدۈرۈش توغرىسىدىكى 28 خىل ئۇسۇل تونۇشتۇرىلىدۇ :
 
1.بالىڭىزنىڭ ھەربىر تەلىپىگە ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولۇڭ. بالىڭىز تېلېفۇندا ئۈمىد بىلەن: « ئاپا، قېتىق ئىچكۈم بار» دېسە، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا بۇ تەلىپىنى قاندۇرالمىسىڭىز، ئۇنىڭغا مەلۇم بىر ئېنىق ۋاقىتنى ئېيتىپ: « ئۆيگە بارغاندا ئېلىپ بېرەي بولامدۇ؟ » دەپ ئۇنى قانائەتلەندۈرۈڭ. دائىم ئۇنىڭ ئارزۇسىنى جاۋابسىز قالدۇرسىڭىز بالىدا ئۆزىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەستەك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ. 
2.ئارام كۈنلىرى بالىڭىزنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىققاندا، قەيەرگە بېرىش توغرىسىدا ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىڭ، لېكىن « قەيەرگە بارغۇڭىز بار؟ » دەپ سورىماستىن « خەلق مەيدانىغا بېرىپ لەگلەك ئۇچۇرغىڭىز بارمۇ ياكى تاغقا ياماشقۇڭىز بارمۇ؟» دەپ سوراڭ. ئۇنىڭغا تاللاش دائىرىسى بەلگىلەپ بېرىڭ. بالىغا تاللاش ھوقۇقى بەرگەندە ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
3.بالىڭىزنىڭ تىلى چىقىشقا باشلىغاندا، ئۇ گەپنى ياخشى قىلالمىسا ئۇنى مەسخىرە قىلماڭ، ھەم قايتا-قايتا تەكىتلەۋەرمەڭ، باشقا مۇۋاپىق ۋاقىتتا قايتا ئۆگەتسىڭىز بولىدۇ. بالىنىڭ تىل ئۆگىنىش دەۋرىدە ئۇنى مەسخىرە قىلسىڭىز ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچىنى ۋە قىزىقىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىسىز. 
4.بالىڭىز سوئال سورىغان ۋاقىتتا سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ، ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسىڭىز سەمىمىيلىك بىلەن بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھەممە ئادەمنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىلىرىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ. باشقىلاردىن سوئال سوراشتىن قورقۇش پىسخىكىسىنى تۈگەتكەندىلا ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
5.ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالغان تەلەپپۇزدا ئۇنى ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارغا بۇيرۇڭ، مەسىلەن، «  كىچىك داسنى ماڭا سۇنۇپ بېرەمسىز؟» دېگەندەك. بالىغا باشقىلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا مۇھتاج بولىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. 
6.ئۆينىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايلىرىغا ئۇنىڭ يازغان خەتلىرى ياكى سىزغان رەسىملىرىنى ئېسىپ قويۇڭ. ئىشكاپتىن ئازراق بوشلۇق ئاجرىتىپ، ئۇ ياساپ چىققان نەرسىلەرنى تىزىپ قويۇڭ. پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بالىلاردىكى ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى قوزغىيالايدۇ.
7.بالىڭىزغا ئايرىم ھۇجرا ئاجرىتىپ بېرىڭ، شارائىت بولمىسا، ھۇجرىنىڭ بىر قىسمىدىن ئۇنىڭغا ئازراق بوشلۇق ئاجرىتىپ بېرىڭ، ئۇنىڭ ھېچقانداق چەكلىمە بولمىغان، ئۆزى ئەركىن ئوينىيالايدىغان يېرى بولسۇن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى بولىشى ئۇنىڭدا ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى قوزغاپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تەبىئىي يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. 
8.دائىم بالىڭىزنىڭ ھۇجرىسى ياكى يېزىق ئۈستىلىنىڭ رەتسىز بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلىمەڭ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا چېچىلىپ كەتكەن ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزىگە رەتلەشكە بۇيرۇڭ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە رەتلەڭ. ئانىنىڭ كەڭ قورساقلىقى بالىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ. 
9.بالىڭىز باشقا بالىلاردىن ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ ھەرگىز ئۇنىڭغا:« پالانچى ساناق ساناشنى ئۆگىنىپ بوپتۇ، سەن نېمىشقا ئۆگىنەلمەيسەن، بەك دۆت ئىكەنسەن» دېگەن گەپلەرنى قىلماڭ. بالىنى باشقا بالىلارغا سېلىشتۇرۇش ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى سۇندۇرىدۇ. 
10.بالىڭىزنى تاللا بازارلىرىغا ئېلىپ بارغاندا، پۇلنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنى پۇل ئالغۇچىغا بېرىشنى ئېيتىڭ. ئۇ گەرچە ھېساباتنى بىلمىسىمۇ، پۇلغا نەرسە سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتسۇن. ئۇنىڭغا پارچە پۇللىرىنى ئۆزى باشقۇرۇشقا پۇرسەت بېرىڭ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىشەنچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
11.بالىڭىزغا كىيىم-كىچەك سېتىۋالغاندا ئۇ كىيىمنىڭ رەڭگى ۋە پاسونىنى ئۆزى تاللىسۇن. بەلكىم ئۇ تاللىغان رەڭنى سىز ياقتۇرماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ تاللىشىنى رەت قىلماڭ. بالىنىڭ پىكرىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ باشلىنىشى. 
12. بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كارتون فىلىملەرنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرۈڭ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان پېرسوناژ ۋە سەھنە سۆزلىرى ھەققىدە مۇنازىرىلەرنى قىلىڭ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. باراۋەر ئالاقە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ. 
13.بالىڭىزنى ئۆزىنىڭ پايپاق، قولياغلىق قاتارلىق كىچىك نەرسىلىرىنى ئۆزى يۇيۇشقا بۇيرۇڭ، پاكىز يۇيالمىسىمۇ ھېچقىسى يوق. بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ھەربىر كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۇلارنى ئىنكار قىلماسلىقتىن كېلىدۇ. 
14.بالىڭىز شېئىر يادلاپ، ناخشا ئېيتىپ ياكى ھېكايە سۆزلەپ نومۇر كۆرسەتكەندە چاۋاك چېلىپ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىڭ، بۇ ئۇنىڭ بىمالال سەھنىلەرگە چىقىپ نومۇر كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالىشى ئۈچۈن ياخشى چېنىقىشتۇر.  
15. بالىڭىزنى باشقا ناتونۇش بالىلار بىلەن يېقىنلاشتۇرۇڭ، ئۇنى ھەرخىل ياشتىكى ئادەملەر بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ. 
16.بالىڭىزنىڭ تەپسىلىي پىلان تۈزۈشىگە ياردەملىشىڭ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزى تۈزگەن پىلانىغا ئەمەل قىلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. مەسىلەن، بالىڭىزنىڭ قايسى ۋاقىتتا پىئانىنو مەشىق قىلىشىنى بەلگىلەپ بېرىڭ، ۋاقىت بەلگىلىگەندە ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىڭ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭغا:« قوزام، پىئانىنو مەشىق قىلىدىغان ۋاقىت بولدىغۇ دەيمەن» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ. ئۇنىڭدا پىلان بويىچە ئىش قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. ئىش قىلغاندا پىلان بويىچە قىلغاندا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 
17. ئەگەر بالىڭىز كولا بوتۇلكىسى ياكى ئاياغ قاپلىرى قاتارلىق تاشلاندۇقلارنى ئوينىسا ئۇنى توسىماڭ، بالىنىڭ ئۆزى قىزىققان نەرسىلىرىنى كۆزىتىپ بېقىشىغا پۇرسەت بېرىڭ. ئۇنىڭ قىزىقىشىنى توسۇپ قويسىڭىز، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىسىز. 
18.ئەگەر يەتتە تاختا قۇراشتۇرغاندا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇنى ئۆزى ئامال تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ، زادىلا ئامال تاپالمىسا ئۇنىڭغا ئاز تولا كۆرسەتمە بېرىڭ. قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ. 
19.بالىلار بىلەن بىللە بولغاندا ئۇلارنىڭ ماختاشقا ئەرزىگۈدەك كونكىرت تەرەپلىرىنى ئىزدەپ، ماختاش سۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا ئىلھام بېرىڭ، لېكىن قۇرۇقتىن قۇرۇق ماختىماڭ.مەسىلەن، « قوزام ئۆزى تەرەت قىلالايدىغان بوپتۇ، ئىلگىرلەش زور» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىڭ، ئەكسىچە :« قوزام بەك ئەقىللىق، مەن سىزگە بەك ئامراق» دېگەن سۆزلەرنى كۆپ قىلماڭ. ئۇلارنى كونكىرت ھالدا ماختاپ تۇرۇش ئىشەنچىنى ئاشۇرسا، قۇرۇق ماختاش ئۇلارنى مەنمەنچى قىلىپ قويىدۇ. 
20. ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىش ئويىڭىز بولمىسىمۇ، مەقسەتسىزلا ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ۋەدىڭىزدە تۇرمىسىڭىز، ئۇنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويىسىز، سىزگە بولغان ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىسىز. 
21. بالىڭىزنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىڭ، ئەگەر بالا خاراكتېرى ئالدىراقسان بولسا، ئۇنىڭ ئىش قىلىش سۈرئىتىنى چېنىقتۇرۇڭ، ئەگەر خاراكتېرى ئاستا بولسا، ئۇنىڭدا تەرتىپلىكلىكنى يېتىلدۈرۈڭ. ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ بالىڭىزغا بولغان ئىشەنچىڭىز سۇسلايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇرۇپ قويىسىز. 
22. كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۆگىتىڭ. مەسىلەن كۆزى كىچىك بولسا، كىچىك كۆزلەرمۇ نۇرلانسا چىرايلىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇڭ. بالىلاردىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى دائىم ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىنى قوبۇل قىلالماسلىقىدىن بولىدۇ. 
23. بالىڭىزغا كىتاب ۋە خام ماتېرىيال تەييارلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىقىدىغان ئىشلىرىنى قوللاپ بېرىڭ. بالىنى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ھىس قىلدۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
24. ئامال بار تۇرمۇشتا بالىلارنى يۆلىنىۋېلىشتىن توسۇڭ. بالىنىڭ يەسلىگە كېچىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاپىسى قايتا-قايتا چاقىرىپ ئەمەس بەلكى قوڭغۇراقلىق سائەت ئويغاتسۇن، تۇرمۇشتا ئۆز مەسىلىلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ۋە ئىشەنچلىك بولالىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 
25. بالىلارنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلىشقا ئېلىپ بېرىڭ. ساياھەت جەريانىدا ئۇنىڭغا ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر، تاغ-دەريالار ۋە قەدىمىي كىتابلاردىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ، ئۇنۋېرسال بىلىمى مول بولغاندا ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشىدۇ. 
26. ھاقارەتلىك تىللار بىلەن بالىنى تىللىماڭ. ھاقارەتلىك تىل بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى سۇندۇرۇپلا قالماي، بىزارلىق پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. 
27. بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا مىھرىبانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىشىگە ياردەم بېرىڭ، شۇندىلا ئوخشاش خاتالىق قايتا يۈز بەرمەيدۇ. قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم. 
28.ئاتا-ئانىلار ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆلچەمگە لايىق بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتتە باشقىلار ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاتا-ئانىلىرىنىڭ جەمئىيەتتە باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلەنمەسلىكى بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەب. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى