ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارغا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەش بىلىملىرىدىن چۈشەنچە

بالىلارغا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەش بىلىملىرىدىن چۈشەنچە

ۋاقتى: 2016-03-25 ئاۋاتلىقى: 527 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىزىل ۋاكسىنىسىنى نېمە ئۈچۈن 8 ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلارغا ئەملەيمىز؟
سەھىيە تارماقلىرى قىزىل ۋاكسىنىسىنى 8 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارغا ئەملەش كېرەك دەپ بېكىتكەن.چۈنكى 8 ئايلىقتىن كىچىك بالىلارنىڭ تېنىدە ئانىسىنىڭ تېنىدىن ئىرىشكەن قىزىل ۋىرۇسىغا قارشى تۇرىدىغان ئانتىتېلا بولىدۇ، بوۋاقلار شۇ ئارقىلىق ئۆز بەدىنىنى قىزىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن قوغدىيالايدۇ. ئەگەر قىزىل ۋاكسىنىسىنى بەك بالدۇر ئەملىگەندە، بۇ خىل ئانتىتېلا ۋاكسىنا تەركىبىدىكى ۋىرۇسنى نېيتراللاشتۇرۇپ، ۋاكسىنىنىڭ رولىنى يوقىتىۋېتىدۇ، بوۋاقلاردىمۇ قىزىل ۋىرۇسىغا قارشى تۇرىدىغان ئېمونىتىت ئىقتىدارى پەيدا بولمايدۇ. 



بوۋاق تۇغۇلۇپ 8 ئايدىن كىيىن، بوۋاق تېنىدىكى ئانىنىڭ ئانتىتېلاسى ئاستا-ئاستا يوقۇلۇپ كېتىدۇ، دەل بۇ ۋاقىتتا قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە، ۋاكسىنا تەركىبىدىكى ۋىرۇس نېيتراللاشتۇرۇلماي، بوۋاقلاردا قىزىل ۋىرۇسىغا قارشى ئېمونىتىت پەيدا بولىدۇ. قىزىل ۋاكسىنىسىنى 8 ئايلىقتىن كىيىن ئەملەشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، 8 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئېمونىتىت سېستېمىسى ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلگەن بولغاچقا ۋاكسىنا ئەملىگەندە كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا قىزىل ۋاكسىنىسىنى 8 ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلارغا ئەملەيمىز. 
قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەش چەكلىنىدىغان ئەھۋاللار قايسى؟ ئەملىگەندىن كىيىنكى ئەكىس تەسىرى قايسىلار؟
قىزىل ۋاكسىنىسى بولسا زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا بولۇپ، ئادەتتە ئەكىس تەسىرى ناھايىتى يېنىك بولۇپ بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. بەزى كىشىلەردە ئەملەپ 6-10 كۈن ئەتراپىدا، قىزىش ياكى ۋاقىتلىق ئەسۋە ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال 2 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشمايدۇ، ئادەتتە روھى كەيپىياتى ۋە ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 
بەدەن تېمپراتۇرىسى 38.5 سېلىتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغان ئەھۋال 5 كۈندىن يۇقىرى داۋاملاشقانلار ياكى(柯氏斑) دېغى كۆرۈلگەنلەر ئېغىر ئەكىس تەسىر پەيدا بولغان بولۇپ ھېسابلنىدۇ، بۇ كىشىلەر چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنىشى كېرەك. چۈنكى قىزىل ۋاكسىنىسى بولسا زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا بولغاچقا، ئېمونىتىت كۈچى تۆۋەن بولغان بالىلارغا قەتئىي ئەملەشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت باشقا ۋاكسىنىلارغا ئوخشاش، بالىلارنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدا كېسەللىك بار بولغانلارغا، قىزىتما كۆرۈلگەنلەرگە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولغان ياكى ساقىيىش مەزگىلىدە تۇرغانلارغا بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەشكە بولمايدۇ، چوقۇم ئەملەشكە توغرا كەلسە كېچىكتۈرۈپ ئەملەش كېرەك. قىزىل ۋاكسىنىسى توخۇ ھەمرىيىنىڭ ئىچىدە يېتىشتۈرۈلگەن بولغاچقا، تۇخۇمغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىقى بولغان بالىلارغا ئەملەشكە بولمايدۇ. باشقا دورىلار ۋە يېمەكلىكلەر ئەكس-تەسىر قىلىدىغانلارغىمۇ دىققەت قىلىپ ئەملەش كېرەك.
نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلارغا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن بولسىمۇ يەنىلا قىزىل كېسىلى بولىدۇ؟
بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: 
1.كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ۋاكسىنىنى ساقلاش ۋە يۆتكەش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن ئېمونىتىت ئۈنۈمسىزلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
2. ۋاكسىنىنى ئەملىگەندە توغرا مەشغۇلات ئىلىپ بېرىلمىسا، ئەملەش مىقدارى ئۆلچەمگە يەتمىسە ياكى يىڭنە ئۇچى ئسپىرت بىلەن بۇلغانغان بولسا، بىر قىسىم قىزىل ۋىرۇسىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 
3. بەزى بالىلارنىڭ ۋاكسىنىغا نىسبەتەن تەسىرگە ئۇچىراشچانلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن، قوغداش خاراكتېرىگە ئىگە ئانتىتېلا ھاسىل قىلمىغان ياكى ھاسىل قىلغان ئانتىتېلانىڭ قوغداش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، قايتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كىيىن قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟ 
1. قىزىل ۋاكسىنىسىنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن بىللە ئەملەشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئانتىتېلا ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش يۈز بېرىدۇ. قىزىل ۋاكسىنىسىنىڭ بىرلەشمە ئېمونىتىت مەسىلىسى بولسا ئېمونىتىت ئەملەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قىزىل ۋاكسىنىسىنى كۆپلىگەن ۋاكسىنىلار بىلەن بىللە ئەملەشكە بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن. مەسىلەن: شېكەر كومىلىچى، بوغما-كۆكيۆتەل-تېتانۇس ۋاكسىنىسى، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، گۈرەن بەز ياللۇغى ۋاكسىنىسى، كالمېت-گۋرىن ۋاكسىنىسى، يەلتاشما ۋاكسىنىسى، يۇقۇملۇق كۆپ قەنتلىك باكتېرىيىلىك مىڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى قاتارلىقلار. 
2. يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ ئىككى كۈن ئىچىدە يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. 
3. ئەملەپ بولغاندىن كىيىن، ئەسلى ئورنىدا 30مىنۇت ئەتىراپىدا ئارام ئېلىش كېرەك. 
4. تاماق يىمەي تۇرۇپ قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 
5. كۈچلۈك ھەركەت قىلماسلىق، ئاچچىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى