ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالا تەربىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر

بالا تەربىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 658 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

      بالا تەربىيىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر 

     ئاتا-ئانا بولۇش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە، چۈنكى ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن پۈتۈن قان تەرىڭىزنى سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر خالىمىسىڭىز ياكى رازى بولمىسىڭىز ۋاز كېچىدىغان مۇمكىنچىلىك بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئاتا-ئانىلار لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن شۇنچە جان كۆيدۈرۈسىمۇ، يەنىلا بەزى ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالىدۇ. تۆۋەندە جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى ساقلىنالمايۋاتقان سەككىز خىل يېتەرسىزلىكنى كۆرۈپ باقايلى. 

1. يۈز-ئابرويى ئۈچۈن بالىنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش     ئاممىۋى سورۇنلاردا بالا يىغلاپ ئاتا-ئانىسىغا تەھدىت سالغاندا، ئاتا-ئانىلار يۈزى تۆكۈلىشىدىن قورقۇپ ياۋاشلىق بىلەن بالىسىغا بويسۇنىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ھەممىلا يەردە بار. پىسخىكا ئىلمىدە بۇ خىل ئەھۋال بالىنىڭ ئارتۇقچە تەلەپلىرىنى قانداق ئارقىغا تارتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ قانداق تىكلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار بىر تەرەپتىن بالىنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قەتئىي رەت قىلىش كېرەك، بالا تەربىيىسى يۈز-ئابرويدىنمۇ مۇھىم، ھەرقانچە كۆپ ئادەم قاراپ تۇرسىمۇ، بالىنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قوللاشقا بولمايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىىق بالىنىڭ دىققىتىنى بۇراش كېرەك. 
2. بالىنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق    جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار بالىسىغا شۇنچە ئامراقلىق قىلسىمۇ، دائىم بالىنى مۇستەقىل خاراكتېرى بولمىغان « تولۇقسىز ئادەم» دەپ ئويلايدۇ، بالىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگۈسى كەلسە خالىغانچە كىرىۋېرىدۇ، كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوچۇق ئاشكارا تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ شەخسىي سىرى بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ، ھەتتا شەخسىي مەنپەئەتى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر بالىڭىزنى چوڭ بولغاندىن كېيىن دائىم زىيان تارتىپ يۈرمىسۇن دېسىڭىز، كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ شەخسىي سىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشىڭىز كېرەك. 

3. ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشلارنى بالىغا يۈكلەپ قويۇش     بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئۆز ھاياتىنىڭ داۋامى، ئۆز ھاياتىدا قىلالماي ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد دەپ قارايدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بۇخىل پىسخىكىسى بالىنىڭ ئۆز خاسلىقىنى يېتىلدۈرىدىغان پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەسئۇل بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بالىلار جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدۇ. 


4. ئۆگىنىش نەتىجىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش   بۈگۈنكى جۇڭگودا ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش خىزمىتى كەمچىل. بالىلار پەقەت نەتىجە ئارقىلىق رىقابەتكە يۈزلىنىشكە مەجبۇر. ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان نەتىجىسى بىردىنبىر مۇھىم نەرسە ئەمەس، ئۇ پەقەت ئىگەللىگەن بىلىمىنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ۋاستىسى، بىلىمنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانىنى تەكشۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ نەتىجىگىلا ئېسىلىۋالماي، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىشىگە كۆز-قۇلاق بولۇشى كېرەك. 

5. بالدۇر ئورنىدىن تۇرغان چوقۇم توغرا، كۆپ ئۇخلىغان چوقۇم ھورۇنلۇق دەپ قاراش    ھازىرقى دەۋردە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر بولغاچقا، بالىلاردا ئۇيقۇ ئومۇمىيۈزلۈك يېتەرلىك ئەمەس، بۇ خىل ئەھۋال بالىلارنىڭ بەدەن ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ، ئەمما بەزى ئاتا-ئانىلار يەنىلا بالىسىنى كۆپ ئۇخلاپ كەتتى دەپ ئەنسىرەيدۇ. توخۇ چىللاش بىلەن تەڭ بالىنى ئورۇندىن تۇرۇڭ دېسىڭىز ھېچقىسى يوق، لېكىن مۇھىم مەسىلە شۇكى بالىلار بۇرۇنقى دەۋردىكى ئادەملەردەك كۈن پاتقان ھامان يېتىپ بولالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالا زىيادە چارچاپ كېتىدۇ. 

6. بالام پۈتۈن زېھنى بىلەن كىتاب ئوقۇش كېرەك، ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراش    ئۆي ئىشلىرى بالىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۆگىنىش قىلىپ چارچىغان نېرۋىسىنى تىنچلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلىپ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولىدۇ. 

7. پەقەت ئۆگىنىشى ياخشى بولسىلا بالىنىڭ باشقا قىزىقىشى ۋە يۇمۇرلۇق مېجەز-خاراكتېرى بولۇش-بولماسلىقىنىڭ كارايىتى چاغلىق دەپ قاراش    ئۆگىنىش نەتىجىسى بالىغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولمايدۇ، بالىنىڭ ئوچۇق-يورۇق، يۇمۇرىستىك خاراكتېر ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۆمۈر بويى ئەسقاتىدۇ، ئاكتىپ خاراكتېر ئۇنى ھەرقانداق مۇھىتتا خۇشال ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. 

8. ئەركىلەشنى مۇۋاپىق بولمىغان تەلەپ قويۇشنىڭ باھانىسى دەپ قاراش      نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئامراقلىق قىلغانلىرىنى ياكى ئەركىلەشلىرىنى ئۇلار بىرەر نەرسە تەلەپ قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ چۈشىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىر تەرەپتىن جۇڭگودا ئادەمگەرچىلىكنىڭ بېسىلىپ قالغانلىقىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن  ئاتا-ئانىلارنىڭ چوڭلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى ماددىيلىشىشنى بالىلارغا تېڭىۋالغانلىقىدىن بولىدۇ. پىسخىكا ئىلمىدىكى ئۈمىدلىنىش ئېففېكتىگە ئاساسەن، بالىلارغا توغرا پوزىتسىيەدە قارىغاندا ئۇلار ئەكسىچە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقنى كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى