ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا بوۋاقلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بوۋاقلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-29 ئاۋاتلىقى: 621 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 قانداق قىلغاندا بوۋاقلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئاكتىپ چېقىقتۇرۇش: يەنى ئۇخلىغان ۋاقىتتا دېرىزىلەرنى چوڭراق ئېچىۋېتىش، سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇش، ھاۋانىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلغۇزۇش كېرەك. 

ئوزۇقلىنىشىنى كۈچەيتىش: ئوزۇقلىنىش تەڭپۇڭ بولغاندا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ 

ھەرۋاقىت كىيىم ئالماشتۇرۇش: كىيىمنى ھاۋا كېلىماتىغا ئاساسەن تاللاپ كىيگۈزۈش، كۆپ ياكى بەك ئاز كىيگۈزمەسلىك؛ قىش كۈنلىرى ئىسسىق يۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئەتىگەن-كەچتە قېلىنراق، چۈشتە نېپىزراق كىيىندۈرۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆي ئىچى ۋە ئۆي سىرتىنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقىگە ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇش، سىرتقاچىققاندا سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ كىچىك بالىلار ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تەرلىگەندىن كېيىن دەرھال كىيىمىنى يەڭگۈشلەش كېرەك. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ، ھاۋانىڭ بۇرۇن قىسىمدىكى نەملىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، سوغۇق ھاۋانىڭ بىۋاستە نەپەس يولىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

تازىلىققا دىققەت قىلىپ، كېسەل قوزغاتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش

مۇھىت بۇلغىنىش ۋە پاسسىپ تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش. ھەر ھەپتىدە ئاچچىقسۇ بىلەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا نەپەس يولىنى ھورلاندۇرۇپ ۋىروس ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق نەپەس يولىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 

ئۆتۈشمە يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل مەنبىيىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش: كېسەللەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن دەرھال قولىنى يۇيۇش، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ئېزولياتسىيە كىيىمى قاتارلىقلارنى كىيىۋېلىش، ئائىلىدە يۇقۇمدار كىشى بولسا ئۇلارنى ساغلام كىشىلەر بىلەن ئايرىش كېرەك. بۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنى قوغدىغانلىقلا ئەمەس بەلكە بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ئىمكانىيىتىنى كىچىكلەتكەنلىك بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى