ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى

بوۋاقلارغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-02-26 ئاۋاتلىقى: 898 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

بوۋاقلارغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 


1. باۋيىڭدەن(保婴丹): بۇ دورىنى بوۋاقلارغا  دائىم ئىشلەتسە بولىدۇ. كېسەللىك بايقالغاندا چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكى مىقدار بويىچە ئىشلىتىش، كېسەل بولمىغان ئەھۋالدا چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ يېرىمىچىلىك  ئىشلەتسە بولىدۇ. 
2. ۋۇباۋسەن(五宝散): بۇ دورىنىڭ  ئىشلىتىش  ئورنى بىر  قەدەر كۆپ، ئاساسلىقى بالىلاردىكى ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن كېلىپ چىقىدىغان قورساق ئاغرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
3. بوۋاقلار چاپلىمىسى(宝宝一贴灵): ئەگەر بوۋاقلارغا سۇغۇق  شامال تىگىپ قالسا چاپلاپ  قويسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، لېكىن بۇنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى بۇ دورىنىڭ بالىغا رىئاكسىيە قىلمايدىغىنىنى جەزىمەشتۈرۋېلىش  كېرەك. ئىشلەتكەندە يېرىم سائەتتە بىر  قېتىم چاپلىغان ئۇرۇننى  ئېچىپ كۆرۈش، چاپلاش ۋاقتى ئىككى  سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ھەرگىزمۇ چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكى دېيىلگەندەك ئۇنداق ئۇزۇن چاپلىماسلىق كېرەك.
4. بالىلارقىززىتما ياندۇرۇش بولتىسى(小儿退热栓): بوۋاقلار قىزىپ  قالغاندا ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەكس تەسىرى يوق، بىراق ئۈنۈم كۆرسىتىشى ئاستا، قىززىتمىسى ئۇنچە يۇقىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئىشلەتسە بولىدۇ. 
5. بەي فۇنىڭ(百服宁): بۇ دورىنىڭ قىززىتمىغا بولغان ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، بولۇپمۇ دوختۇر چۇقۇم ئۇكۇل ئاسىمىز دېگەندە، بەدەن تېمپىراتۇرىسى  39 سېلىسيە گىرادۇس ئەتىراپىدا بولغاندا ئىشلىتىش كېرەك، بىراق مىقدارى چوقۇم چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكىسىدىن ئاز بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ دورىنىڭ ئەكس تەسىرى چوڭراق، شۇڭا بۇ دورىنى ئامال بار ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.  لېكىن ۇ دورىنى زاپاس ساقلاپ  قويۇش  كېرەك. ئەسكەرتمە: بالا بۇ دورىنى يىگەندىن  كېيىنكى بىر  ھەپتىلەرگىچە بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. 
6. تەينولىن(泰诺林): قاتتىق قىززىتمىغا بولغان ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، قىززىتمىنى تېزلا ياندۇرىدۇ. لېكىن بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى 39دىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەتمەسلىك كېرەك، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك دورىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئەكس تەسىرى چوڭ بولىدۇ.  
7.  چىياڭ بى لىن(强必林): بۇ بوۋاقلارغا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ياللۇغ  ياندۇرۇش دورىسى، ئادەتتىكى ياللۇغلىنىشلارغا بولغان ئۈنۈمى ياخشى، ئەكس تەسرى چوڭ ئەمەس. بۇ بولسا  غەرب تېبابىتى دورىسى ئاموكسىلىندۇر. 
8. يېڭى قان كاپسۇلى(新血丹颗粒): بۇ دورا بەك قىرتاق، بىراق بوۋاق ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن قىززىپ قالسا چىياڭبىلىن بىلەن بىرگە ئىچسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، ئەكس تەسىرى يوق، لېكىن بالىغا  بۇ دورىنى بېرىش بىر  قىيىن مەسلە. 
9. بالىلار تېز ئۈنۈملۈك زۇكام دەملىمىسى(小儿速效感冒冲剂): بۇ دورا نۇرغۇن دورا زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، شۇلارنىڭ ئىچىدە گۇاڭجۇ شىڭچۈن دورا زاۋۇتى(广州星群药厂)نىڭ ئەڭ ياخشى. زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىچىلىدۇ، زۇكامنىڭ  ئوتتۇرا ،ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۈنۈمى ئۇنچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس. 
10. بالىلار يەتتە يۇلتۇز چېيى(小儿七星茶): ئادەتتە ئىلمان سۇغا چىلاپ ئىچسە بولىدۇ، ئاساسلىقى سوغۇق، ، ئامال بار  بالىغا ئوسما  يىلتىزى(板蓝根)، شىياساڭجۈ(夏桑菊) قاتارلىق چوڭلار ئىشلىتىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنى بەرمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا بالىلاردىكى قورسىقى ئاغرىش ياكى ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
11. مەرۋايىت ئۇۋىقى(珍珠粉末): تېنىچلاندۇرىدۇ، سوغۇق، ئەڭ ياخشىسى گۇاڭشىنىڭ تاتلىق سۇ مەرۋايىتى (淡水珍珠). دائىم بوۋاقلارنىڭ  تېرىسىگىمۇ پايدىلىق، لېكىن كۆپ بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇنى كىچىك بالىلار  ئوڭاي ھەزىم قىلالمايدۇ، شۇڭا 2 ھەپتىدە بىر  قېتىم ئاز-ئازدىن بەرسىلا بولىدۇ.
12. باۋلوڭۋەن(抱龙丸): بۇ بىر خىل جۇڭيى دورىسى، بالىلاردىكى سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، كېچىدە يىغلاش كېسىلى قاتارلىقلارغا بولغان ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، بىراق تەمى بەك قىرتاق.
13. بالىلار چۆچۈش پاراشوكى(小儿惊风散): بالىلار چۆچۈپ  كەتكەندە(قورقۇپ كەتكەندە) قاڭشىرى كۆكىرىپ قالغاندا بۇ دورىنى ئىچسە ئۈنۈمى تېزلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.  
14. ئېركاڭنىڭ(儿康宁): بالىلاردىكى كېچىسى توختىماستىن يىغلاش، قورساق ئاغرىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 
15. ھەزىم قىلدۇرۇش سۇيۇقلىقى(消化水)، شىمۇشىڭ(食母生): بۇلار ھەزىم قىلدۇرۇش دورىسى بولۇپ، مەلۇم باسقۇچتىكى بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ياخىشى بولماسلىققا  ئىشلىتىلىدۇ. 
16. كالتىسيلىق گىلوكوزا كىسلاتاسى (葡萄糖酸钙): بالىلارغا كالتىسىي تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.  
17. بېلىق جىگىرى مېيى(鱼肝油): كالتىسينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
18. يىلان ئۆتى سىچۈەن سووغۇگۈلى سۇيۇقلۇقى(蛇胆川贝液): بۇ بالىلاردىكى يۆتەلنى توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. 
19. گال ئىششىق دەملىمىسى(咽扁冲剂): بالىلارنىڭ گېلى ئىششىپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. 
20. قوش ئۇچار ئادەم (شۇاڭ فېي رېن)(双飞人): ھاشارەت چېقىۋېلىشقا، شامال ئۆتۈپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زۇكامغا، قورساق ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى بۇ دورىنى ئىچسىمۇ ياكى سىرتىدىن ئىشلەتسىمۇ بولىۋەرگەچكە، بالىلار قانداقلا بىئارام بولۇپ قالسۇن 2 تېمىم ئىشلەتسە، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. 
21. پارپا مېيى(莪术油): يېقىلىپ چۈشۈشتىن بولغان زەخمىلىنىش، كۆيۈك قاتارلىقلارغا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، ھەمدە تارتۇق قالمايدۇ. 
   بوۋاقلاغا دورا ئىشلىتىشتە دىققەت  قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بوۋاقلانىڭ مىتابولىزىمى، قان  ئايلىنىش، نەپەسلىنىش، كېرەكسىز  ماددىلارنى چىقىرىپ  تاشلىشى چوڭلارغا قارىغا تېز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتىلىشى ناھايىتى تېز، بىراق ئۇلارنىڭ ئەزا-توقۇلمىلىرىنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاچقا ئاسانلا كېسەل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەگەر دورا  ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا  ئىنتايىن ئېغىر  ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بوۋاقلارغا دورا  ئىشلەتكەندە دىققەت  قىلىش لازىم. 

قالايمىغان دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك

ئامال بار قىززىتما ياندۇرۇش دورىسى، ئاغىرىق توختىتىش دورىسى ۋە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك، ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسسى بويىچە ئىشلىتىش، قىززىتماياندۇرۇش دورىسىنى ئارتۇق مىقداردا ئىشلەتمەسلىك، دورا  ئىشلىتىش  ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ  كەتمەسلىك كېرەك. بوۋاقلار تېتراسىكلىن (يەنى سىخۇەنسۇ 四环素) نى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاسانلا چىشىغا سېرىق داغ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ، ئايرىم بالىلاردا يەنە چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ. بەزى بالىلار  لۈفامېيسۇ(氯发霉素)نى ئىشلەتكەندىن كېيىن  قايتا ھاسىل بولۇشنى چەكلەش خاراكتىرلىق  قان ئازلىق كېسىلى، ئاق قان پىلاستىنكىلىرى ئازلاپ كېتىش، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئانتىبئوتىك دورىلار يەنە بالىلاردا گاس بولۇپ قېلىش ياكى بۆرەك زەئىپلىشىش، قان سىيىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا بالا ئازراق قىززىپ  قالسىلا دورا  ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بولۇپمۇ بىر  قىسىم سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، زۇكام ۋە مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋىروس كەلتۈرۈپ چىقارغان كسەللىكلەرگە جۇڭيى ياكى ئۇيغۇر  تېبابەت  دورىسى ئىشلىتىش ياكى كۆپ سۇ ئىچكۈزۈپ،  ئارام ئالغۇزۇش  كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىمۇ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

 دورا  مىقدارى چوقۇم مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك

 كىچىك بالىلارغا دورا ئىشلىتىش چوڭلاغا ئوخشىمايدۇ، ئانتىبوتىك قىززىتما دورىسى قاتارلىق نۇرغۇن دورىلار بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا  ئاساسەن مىقدارىنى ھېسابلاپ بېرىلىدۇ، شۇڭلاشقا  ئاتا-ئانىلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاڭلىماي دورا مىقدارىنى خالىغانچە ئازايتىپ ياكى كۆپەيتىۋەتسە توغرا بولمايدۇ. 

دورا ئىشلىتىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى دوختۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولۇشى كېرەك.

ئاستا خاراكتېرلىق بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىنىڭ مىقدارى، داۋالاش كۇرسى، ئۇسۇلى قاتارلىق تەرەپلەردە ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بولىدۇ، كېسەللىكنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىدا  ئىشلىتىدىغان دورىنىڭ  مىقدارىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا دورا ئىشلىتىشتە چۇقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش، دورا مىقدارىنى خالىغانچە ئازايتىۋېتىدىغان ياكى دورىنى توختىتىۋاتىدىغان، ئالماشتۇرىۋېتىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك.  


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى