ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئومۇمىي خۇلاسە))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))(1)

7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئومۇمىي خۇلاسە))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))(1)

ۋاقتى: 2016-01-25 ئاۋاتلىقى: 546 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

     7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئومۇمىي خۇلاسە)))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))(1)

7  ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

بوۋاق 7 ئايلىق بولغاندا تەن تۈزۈلىشى مۇقۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئەگەر ئاستى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئىككى  چىشى تېخى چىقمىغان بولسا مۇشۇ ئايدىلا ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئەگەر چىقىپ بولغان بولسا ئۈستى تەرەپتىكى ئىككى تال چىشىمۇ چىقىشقا باشلايدۇ. 

تەن ئېغىرلىقى ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

ئالتە ئايلىققا توشقان ئوغۇل بوۋاقنىڭ تەن ئېغىرلىقى 9.8~5.9 كلوگرام ؛قىز بوۋاقنىڭ تەن ئېغىرلىقى 9.0~5.5 كلوگرام بولىدۇ. مۇشۇ ئايدىلا 07.5~045. كلوگرامغىچە ئاشىدۇ. 

بەدەن ئېگىزلىكى ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېگىزلىكى 73.2~62.4 سانتېمېتىر ؛قىز بوۋاقلارنىڭ 71.2~60.6 سانتېمېتىر بولىدۇ،  بۇ ئايدا بولسا بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 سانتېمېتىر ئۆسىدۇ. 

باش ئايلانمىسى ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئوتتۈرا ھېساب بىلەن 44.9 سانتېمېتىر ئەتراپىدا؛ قىزلارنىڭ بولسا 43.9 سانتېمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. 

مېڭە لىپىلدىقى ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

ئادەتتە بۇ ئايدىن بۇرۇن بوۋاقلارنىڭ مېڭە لىپىلدىقى ئانچە يېپىلىپ كەتمەيدۇ،  بەزىلىرىنىڭ 1.5~0.5 سانتېمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ،  ئاللىقاچان كىچىكلەپ كېتىدۇ،  يەنە بەزىلىرىنىڭ يالغان يېپىلىدىغانلىرىمۇ يوق ئەمەس. 

بوۋاقلار چىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

بۇ ئايدا بوۋاقلارغا يەنە بىردىن ئىككى تالغىچە چىش چىقىدۇ. 

7 ئايلىق بوۋاق تېنىنىڭ ئىقتىدار يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ئىككى قولى بىلەن چوڭراق نەرسىلەرنى تۇتالايدۇ،  ئىككى قولى دەسلەپكى قەدەمدىكى ماسلىشىشنى باشلىغان بولىدۇ. نەرسىلەرنى تېخىمۇ دەل تۇتىدىغان بولىدۇ،  ئاتا-ئانىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى،  بىر نەرسىنى بىر قولىدىن يەنە بىر قولىغا يۆتكەپ ئوينايدۇ،  بۇمۇ خېلى چوڭ ئىلگىرلەش ھېسابلىنىدۇ. 

قولى بىلەن سۈت پاراشوكى بوتۇلكىسىنى ئېلىپ،  ئېغىزىغا ئاپىرىپ شوراشقا باشلايدۇ،  شۇنىڭ بىلەن ئۆزى تاماق يېيىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولىدۇ. خاپا بولۇپ قالغاندا،  قولىدىكى نەرسىنى ياقتۈرمىغىنىدا ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ،   يەنى ئۆزى تاللاشنى باشلايدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى