ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىقنى داۋالاش

بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىقنى داۋالاش

ۋاقتى: 2015-12-26 ئاۋاتلىقى: 613 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىقنى داۋالاش

بوۋاقلارنىڭ ئىشتىھاسىزلىق يۈز بېرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن دىققەت قىلىش كېرەك.

1.تاماق بېرىش ۋاقتى ۋە مىقدارى مۇقىم بولۇشى كېرەك. كىچىك بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا ياخشى بولغان  ئوزۇقلۇق ئادىتى يېتىلدۈرۈش  ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا تېخىمۇ پايدىلىق،بالا سەل چوڭ بولغاندىن كىيىنلا بالىنى تاماقنى ئۆزى يىيىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

2.تاماق تاللىماي، يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. گۆشلۈك ، گۆشسىزنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بېرىش، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىۋالماسلىق كېرەك. قېنىق چاي، قەھۋە، ھاراق، دورا- دەرمەك، مۇچ، قىچا تالقىنى قاتارلىق كۈچلۈك غىدىقلايدىغان ماددىلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3.كىچىك بالىنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ھەر ۋاقىت ياخشى بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى پەقەت ئىشتىھالىق يېيىلگەن تاماقنىڭ پايدىسى بولىدۇ. كىچىك بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن، تاماق يېگەن مۇھىتتا شاۋقۇن- سۈرەن بولماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. تېلىۋىزور كۆرۈپ تۇرۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش، زورلاپ تاماق يېگۈزمەسلىك، تاماقتىن بەك قاتتىق چەكلىۋەتمەسلىك، تاماقتىن بۇرۇن كەمپۈت يېگۈزمەسلىك، تاماق يەۋاتقاندا كىچىك بالىنى بەك ھاردۇرىۋەتمەسلىك ۋە جىددىيلەشتۈرىۋەتمەسلىك: يېمەكلىكنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى چوقۇم كىچىك بالىنى ئۆزىگە تارتالايدىغان بولۇشى كېرەك.

4.قورساق قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئاشقازان، ئۈچەي قىسمىنى سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاش، ھەم نەپەس يولى يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش لازىم.

5.ئۈچەي يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاشقا بەك دىققەت قىلىش كېرەك، مۇقىم ۋاقىتتا تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش.
6.تازلىققا دىققەت قىلىش كېرەك، كىچىك بالىلاردا تاماقتىن بۇرۇن قولنى يۇيىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، يېمەكلىكنىڭ پاكىز، يېڭى بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. كۆپرەك ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىش، تەستە ھەزىم بولىدىغان يەنى قورۇلغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىش، تاماق يەپ تۇرۇپ كىتاب كۆرمەسلىك كېرەك.

ئەگەر ئانىلار يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلارغا دىققەت قىلسا، كىچىك بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق يۈز بېرىشىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتقىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى