ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئومۇمىي خۇلاسە))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))(2)

7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئومۇمىي خۇلاسە))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))(2)

ۋاقتى: 2016-03-12 ئاۋاتلىقى: 687 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئومۇمىي خۇلاسە))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))(2)

 

  ئايلىقتىكى بوۋاق تىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

 

بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالا تىلىنىڭ چىقىش جەريانىغا ئېتىبار بېرىشى تېخىمۇ مۇھىمدۇر،  بۇ چاغدا بالىلار ئاكتىپ ھالدا گەپنى دوراشقا باشلايدۇ،  بىر بوغۇمنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن،  ئۇ كۈن بويى ھەتتا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۇدا بۇ بوغۇمنى تەكرارلاۋېرىدۇ. پىششىق ھالدا ئاۋاز مەنبەسىنى ئىزدەيدۇ،  ئوخشىمىغان ئاھاڭلارنى،  ئوخشىمىغان مەنالارنى چۈشىنىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ سىز چىقارغان ئاۋازغا بولغان ئىنكاسى تېخىمۇ جانلىق،  چېچەن بولىدۇ،  دائىم سىزگە ئەگىشىپ سۆزلەپ باقىدۇ،  شۇڭا ئۇنىڭغا «دادا» ۋە «ئانا» دېگەن گەپنى ئۆگەتكەنگە ئوخشاش،  «مۈشۈك»،   «ئىت»،  «قىززىق»،  «سوغۇق»،  «ماڭ»،  «كەت» دېگەندەك بىر قىسىم ئاددىي بوغۇم ۋە سۆزلۈكلەرنى ئۆگىتىش كېرەك.  ئاز كەم دېگەندە  يەنە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا سىز  ئاندىن ئۇنىڭ گۇڭ-گۇڭ گەپلىرىنى چۈشىنەلەيسىز،  بىراق بالىلار يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرىمۇ سىزنىڭ بەزى گەپلىرىڭىزنى چۈشىنەلەيدۇ.

 

7 ئايلىقتىكى بوۋاق كۆرۈش سېزىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

 

 بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزىتىدۇ، بىراق بەكرەك يىمەكللىكلەرنى، ئويۇنچۇقلارنى ھەم ئۆزىگە مۇناسىۋەتلك جىسىملارنى ياخشى كۆرىدۇ، قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن شەيىئلەرنىڭ ھالەتلىرىگە دىققەت قىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان شەيىئلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ناتونۇش ئادەملەرگە ئەجەبلىنىدۇ،  كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىدۇ،  يۈزى بىلەن بەدىنىنى ئانىسى تەرەپكە بۇرايدۇ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاق يەيدىغان نەرسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ،  مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ ئانىسى قايسىنى يېسە بولىدۇ، قايىسىنى يېسە بولمايدىغانلىكنى ئۆگەتسە بوۋاق ھەممە نەرسىنىلا ئېغىزىغا سېلپ يەۋەرمەيدىغان بولىدۇ. 

 

7 ئايلىقتىكى بوۋاقنىڭ تونۇش-بىلىش ھالىتى 

 

بۇ ۋاقىتتا بوۋاق  ئويۇنچۇقىنى يۈتتۈرۈپ قويسا  ئىزدەيدۇ،  تونۇش ئىشلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئىسمىغا ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، ئانىسى بىلەن سالاملىشالايدۇ،  پېچىنىلەرنى يېيەلەيدۇ، يېتىرقاش ھەرىكەتلىرى ئىپادىلىندۇ،  نۇرغۇن نەرسىلەردىن قورقىدۇ،  ئاددى سۆزلەرنى چۈشۈنەلەيدۇ،  چوڭ ئادەملەرنىڭ سۆزلىرىدىن،  چىراي-ئىپادىلىرىدىن ماختاش ھەمدە تەنقىدلەشنى بىلەلەيدۇ،  تونۇش ئادەملىردىن 3~ 4  ئادەمنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئەستە ساقلىيالايدۇ، ئاۋاز ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق چوڭ تەرەت، كىچىك تەرەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ئايدا بوۋاقنىڭ سېزىمى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىدۇ، ئەگەر جېسىملارنى تۇتسا ئۇنىڭ شەكلىنى، چوڭ-كىچىكلىكنى ھېس قىلالايدۇ، غاجىلاپ بېقىپ ئۇنىڭ قاتتىق-يۇمىشاقلىقىنى، تەمىنى ھېس قىلىدۇ، قولىدىكى نەرسىنى تەۋرىتىپ بېقىپ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقىدۇ، قولى بىلەن سۇندۇرۇپ بېقىپ، ئۇرۇپ بېقىپ، سېلاپ بېقىپ ئۇ جىسىمنى تونۇيدۇ، بىلگەن نەرسىسىگە قىزىقمايدۇ، بـەلكى يېڭى ئۆگەنگەن ياكى ئۆگەنمىگەن يېڭى نەرسىلەرگە بەكرەك قىزىقىدۇ،  ئىزدىنىش روھى پەيدا بولىدۇ. 

 

7 ئايلىقتىكى بوۋاقنىڭ ھېسىيات ھەمدە ئىجتىمائىي ئالاقىسىنڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

 

بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئاللىقاچان تۇققانلىرى بىلەن ناتۇنۇش ئادەملەرنى پەرقلەندۈرۈپ بولغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ تۇققانلىرىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ، ئەينەكتىن كۈلۈمسىرىشىنى كۆرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن مۆكۈ-مۈكۆلەڭ ئوينىسىڭىز ئۇ بەك قىزىقارلىق ھېس قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئپىادىلەيدۇ، مەسىلەن يىغلاش، كۈلۈش ئارقىلىق خۇشال-خاپىلىقىنى ئىپادلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قىزىقارلىق نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا يەنىلا تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى بولىدۇ. 

 

ئانا-بالىلار تورى ئەسكەرتمىسى:

بۇ ئايدا كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشدىن بەكرەك ساقلىنىش كېرەك،  خەتەرلىك نەرسىلەرنى بوۋاقنىڭ ئەتراپىغا قويماسلىق، ئۆزىنىڭ كارىۋاتىدا يالغۇز قالدۇرماسلىق،  رېشاتكىسى يوق كارۋاتتا ياتقۇزماسلىق كېرەك، ئانىسى چوقۇم يېنىدا تۈر ۇپ بالىنىڭ ئويغانغاندىن كېيىن چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، شۇنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەككى، بالىنڭ قولى يېتىدىغان يەرگە بالىنىڭ نەپەس يولىنى توسىدىغان بۇيۇملارنى قويماسلىق كېرەك، يەنى سۇلياۋ نېپىز پەردە دېگەندەك نەرسىلەرنى.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى