ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇشتىكى پىرىنسىپلار))(1)

بوۋاقلارغا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇشتىكى پىرىنسىپلار))(1)

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 762 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بوۋاقلارغا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇشتىكى پىرىنسىپلار))(1)

1. سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى ھەرگىزمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم

ھەر بىرخىل تۈردىكى سۈتنى تەڭشەش ئۈچۈن بەلگىلىك جەريان كېتىدىغان بولغاچقا ، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ ھەر خىل سۈت پاراشوكى تەركىبى ئوخشىمىغاچقا، ئەگەر باشقا بىرخىل تەركىبتىكى سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرغاندا، بوۋاقنىڭ يەنە قايتىدىن ئۇنىڭغا ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاسانلا بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ۋەۈھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىر قەدەر تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ چاغدا يەنە بىرخىل سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاندىن ئوزۇقلۇق  ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
 
2. ئالماشتۇرۇپ بارا- بارا كۆپەيتىش، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق لازىم
   
جەريانغا 1-2 ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، بوۋاقنى بۇ جەريانغا ماسلاشتۇرۇش لازىم. ئاتا-ئانىسى كۆزىتىپ ، ئەگەر بوۋاقتا باشقا ماسلىشالماسلىق ھادىسىسى كۆرۈلمىسە داۋاملىق مىقدارىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىش لازىم.

3.بوۋاققا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇشتىكى مەشغۇلات ئۇسۇلى
  
بوۋاققا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇش ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. ئەگەر ئالماشتۇرۇش مۇۋاپىق بولمىغاندا قورسىقى ئاغرىش، سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بوۋاققا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇشتىكى ئۇسۇللارنى ئىگەللىشى زۆرۈر:
   
1) ئالماشتۇرۇپ بارا- بارا مىقدارىنى كۆپەيتىش شەكلىدە سۈت ئالماشتۇرۇش
 
2) كونا- يېڭى سۈت پاراشوكىنى ئارىلاش ئالماشتۇرۇش
  
ئالماشتۇرماقچى بولغان يېڭى سۈت پاراشوكى بىلەن ئەسلىدىكى سۈت پاراشوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇلغاندا، باشلىنىشتا مىقدارى ئازراق بولۇشى ، ئاستا- ئاستا ئىككىسىنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق ھالدا كۆپەيتىپ ، پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇپ بولۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم. مەسىلەن: ئالدى بىلەن ئەسلىدىكى سۈت پاراشوكىغا 3/1لىك يېڭى سۈت پاراشوكىنى قوشۇپ، مۇشۇنداق ئىككى ئۈچ كۈن ئىچكۈزۈپ ھېچقانداق ئەكس تەسىر كۆرۈلمىگەندىن كېيىن ، ئاندىن ئەسلىدىكى ۋە يېڭى پاراشوكنى 2/1 نىسبەتتە ئىككى ئۈچ كۈن ئىچكۈزۈش، يەنە ئەسلىدىكى سۈت پاراشوكىنى 3/1ى ، يېڭى سۈت پاراشوكىنى 3/2سى نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى ئۈچ كۈن ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يېڭى سۈت پاراشوكىنى ئەسلىدىكى سۈت پاراشوكى بىلەن ئالماشتۇرۇش لازىم.
 
3)قېتىم سانى بويىچە ئارلاشتۇرۇپ ئالماشتۇرۇش
ئۈچ كۈندە بىر قېتىم مىقدارىنى كۆپەيتىش، تۇنجى قېتىم ئالماشتۇرغاندا ئاۋۋال چۈشلۈكتىكىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئۈچ كۈن ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم. ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم مىقدارىنى قوشۇش، تەرتىپى بولسا چۈشلۈك، چۈشتىن كېيىنلىك، ئەتىگەنلىك ئەڭ ئاخىرىدا كەچلىكنى ئالماشتۇرۇش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى