ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇشتىكى پىرىنسىپلار(2)

بوۋاقلارغا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇشتىكى پىرىنسىپلار(2)

ۋاقتى: 2014-05-10 ئاۋاتلىقى: 786 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلارغا سۈت پاراشوكى ئالماشتۇرۇشتىكى پىرىنسىپلار(2)

 4) ئالاھىدە سۈت پارشوكىنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ

  ①بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلار سۈت پاراشوكى

بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلار سۈ پاراشوكى مەخسۇس بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ ، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەرەققىي قىلىپ نورماللاشقاندا(2500گىرامدىن ئاشقۇچە) ئاندىن ھەقىقىي بوۋاقلار ئۈچۈن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىغا ئالماشتۇرۇش، ئەسلىدىكى پاراشوكتىن ھەر قېتىمدا بىر قوشۇق كەملىتىپ، بوۋاقلار پاراشوكىدىن بىر قوشۇق قوشۇپ پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇلۇپ بولۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

②بوۋاقلار ئۈچۈن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى

 يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئادەتتە بوۋاقلار ئۈچۈن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئۆزىڭىزنىڭ بوۋىقىنىڭ بەدەن ساپاسىغا ماس كېلىدىغان سۈت پاراشوكىلا ئەڭ ياخشى سۈت پاراشوكى ھېسابلىنىدۇ، بوۋىقىڭىز ئىستېمال قىلىۋاتقان بوۋاقلار ئۈچۈن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى ئۇنىڭ بەدەن شارائىتىغا  ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، سۈت پاراشوكىنى ئىشلتىشنى توختىتىپ ، باشقا ماركىدىكى سۈت پاراشوكىنى ئىشىلتىشىڭىز لازىم.

③پارچىلانغان ئاقسىل بىلەن تەڭشىگەن سۈت پاراشوكى

پارچىلانغان ئاقسىل بىلەن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى يەنە ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش سۈت پاراشوكى   دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى بوۋاقلارنىڭ ئالەملىك يېمەكلىكى ياكى ئېلىمېنتلىق يېمەكلىكى، ئۇ تەمىنلىگەن ئوزۇقلۇق   بوۋاقلارنىڭ تەلىپىگە تامامەن ماس كېلىدۇ، پەقەت ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاللىبۇرۇن پارچىلانغان، ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن بوۋاقلار ئاشقازان-ئۈچىيى پارچىلىماستىنلا بىۋاستە  سۈمۈرىۋالىدۇ، شۇڭلاشقا تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىدا داشقال ماددىلار يوق دېيەرلىك ياكى يوق، شۇڭلاشقا بوۋىقىڭىزنىڭ تەرىتىنى ئازايتىدۇ، كۆپىنچە جىددىي ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرىدىغان، ھەتتا ئۈچەي يولى ئېنىزىملار شىللىق پەردە قەۋىتى زەخمىگە ئۇچرىغان، كۆپ خىل ھەزىم قىلغۇچى ئېنىزىملار كەمچىل بولغان بوۋاقلارغا ياكى قىسقا ئۈچەي كېسىلى(短肠症) بار بوۋاقلارغا ئىشىلتىلىدۇ،  بىۋاسىتە ئەسلى ئىشىلتىۋاتقان سۈت پاراشوكىنى ئىشىلتىشتىن توختىتىپ ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش سۈت پاراشوكىگە ئالماشتۇرۇش، ئوخشاش ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش سۈت پاراشوكىنى ئادەتتىكى سۈت پاراشوكىغا ئالماشتۇرغاندا، بارا-بارا كۆپەيتىپ سۈت ئالماشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىش زۆرۈر.

④(免敏配方奶粉)سەزگۈرلۈكتىن ساقلىنىلغان تەڭشەلمە سۈت پاراشوكى

  يەنە سېرىق پۇرچاق تەركىبلىك سۈت پاراشوكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇخىل تەركىبتە سۈت كىسلاتاسى قوشۇلمىغان بولۇپ، تۇغما سۈت كىسلاتاسى كەمچىل بوۋاقلار ھەمدە ئاستا خاراكترلىك ئىچى سۈرۈشتىن كېلىپ چىققان ئۈچەي شىللىق پەردە قەۋىتىدىكى سۈت قەنتى(لاكتوزا) ئېنزىمى ئېقىپ كەتكەن بوۋاقلار  ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بوۋاقلار ئىچى سۈرۈۋاتقاندا ئەسلى ئىشىلتىۋاتقان سۈت پاراشوكىنى ئىشىلتىشنى توختىتىپ، بىۋاستە مۇشۇ تەركىبتىكىسىگە ئالماشتۇرۇپ، ئىچى سۈرۈشى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئەگەر ئەسلى ئىشىلتىۋاتقان سۈت پاراشوكىغا ئالماشتۇرماقچى بولسا، سۈت پاراشوكىنىڭ مىقدارىنى بارا-بارا كۆپەيتىش شەكلىدە پاراشوك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش لازىم


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى