ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالا كېچىسى يىغلىغاندا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟)(1)

بالا كېچىسى يىغلىغاندا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟)(1)

ۋاقتى: 2015-06-25 ئاۋاتلىقى: 570 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالا كېچىسى يىغلىغاندا  يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟)(1)

1. كېسەلنىڭ تەسىرى . بەزى كېسەللەرمۇ بالىنىڭ كېچىسى ئۇخلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن بىرلەمچى كېسەلدىن باشلاپ تەدبىر كۆرۈپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارمۇ كېچىسى بىئارام بولۇپ تىنىچ ياتمايدۇ. يەنە بەزى بوۋاقلار يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ يىغلاپ توختىمايدۇ. قارايدىغان بولساق     بوۋاقنىڭ چىرايى باشقىچە جىددىي. بۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۈندۈزى بىرە نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بەك روھلىنىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان. بۇندىن باشقا تۈتۈ مەددە  كېسىلىگە گىرىپدار بولغان بالىلار. مەددە قۇرت ئادەتتە مەقەت ئەتىراپىدا تۇخۇمدايدىغان بولغاچقا ،تېرىنى غەيرى قىچىشتۇرۇپ بوۋاقنىڭ تىنىچ ئۇخلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

فىزىئولوگىيېلىك يىغلاش. بالىنىڭ تەرەت لاتىسى ھۆل بوپ كەتسە،بەك چىڭ يۆگىۋەتكەن ياكى قورسىقى ئېچىپ ئۇسساپ كەتكەن، ئۆينىڭ تېمىراتۇرسى مۇۋاپىق بولمىغان قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ ئۇخلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ سەۋەبلەرنى يوقىتىۋەتسىلا بالا ئىنتايىن تېزلا يىغلاشتىن توختايدۇ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى