ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى

بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى

ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 607 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى 

بالىنىڭ ھەرقانداق بىر  ئويۇنچۇققا  نىسبەتەن قىزىقىشى بولىدۇ. قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئىلىپ ئۇيان –بۇيان قىلىپ كۆرۈپ باقىدۇ. ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ بۇ قىزىقىشلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بالىلىرىغا دائىم ئويۇنچۇق ئېلىپ بىرىدۇ. لېكىن بالىلىرىغا ئويۇنچۇق سىتىۋالغان شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئويۇنچۇقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىمۇ- يوق؟

ئاتا –ئانىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر : 

1.ئوخشىمىغان ياشتا ئوخشاش بولمىغان ئويۇنچۇقلارنى تاللاش كىرەك. 

2. تۇغۇلۇپ بىر ياش بولغان بوۋاق مەزگىلىدە، يۇمشاق ئويۇنچۇقلارنى، دۇمباق ئاۋازى چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋىلىش كېرەك.  بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان مەزگىلدە ، بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭى بولمايدۇ، ئاسانلا تاسادىپىي بىر ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن.  شۇڭا توپ، ئويۇنچۇق تىراكتور، ئويۇنچۇق ئۆي، ماشىنا، قۇراشتۇرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى سىتېۋىلىش كىرەك. تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بولغان ئارىلىقتا ئۈچ چاقلىق ھارۋا، ۋېلىسىپىت، ئەقىلنى سىنايدىغان قۇراشتۇرىدىغان رەسىم، قونچاق ۋە كىيىم –كىچەكلىرى، ھېكايە كىتاب، ئىچىدە ئادىمى بار ئويۇنچۇقلارنى سىتىۋېلىشى كىرەك. ئالتە ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار تىخنىكا ۋە ئەقىل سىنايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ.  شۇڭا لەگلەك، ۋېلىسىپىت، ۋە بىخەتەرلىك قالپىقى، مۇز تېيىلىش ئايىقى ۋە ئۆزىنى قوغداش خاراكتىرىدىكى ئۈسكۈنىلەر،  قول –ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرى، قونچاق، ياغاچ قونچاق ۋە ھەرىكەتلىك ماشىنا ، قۇراشتۇرىدىغان رەسىم، شۇنداقلا شاھمات قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋىلىش كىرەك. 

ئويۇنچۇق تاللىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

1.ئويۇنچۇقنىڭ ئوراپ قاچىلىنىشىغا دىققەت قىلىش كىرەك. 

سۇلياۋ ماتېرىيالى ئىشلىتىپ ئورالغان ئويۇنچۇقلارنى سىتىۋالغاندا، سۇلياۋ ماتېرىيالىنىڭ قېلىن –نېپىزلىكىگە دىققەت قىلىش، چۈنكى بالىلارنىڭ قىزىقىشى ئۇلارغا سۇلياۋ خالتىنىمۇ ئويۇنچۇق قىلىپ كۆرسىتىشى مۇمكىن.  ناۋادا ئىغىز –بۇرۇنغا قاپسىلىپ قالسا ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلماق تەس بولىدۇ. قېلىن سۇلياۋ خالتا، تۆشۈكلۈك خالتىلار  بۇ جەھەتتىكى خەتەرنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى،  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا –ئانىلارمۇ ئويۇنچۇق ئاغزىنى ئىچىپ بولغاندىن سۇلياۋ خالتىنى تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلىش كىرەك. 

2.يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش 

يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋالغاندا، ئويۇنچۇقنىڭ كۆزى، بۇرنى قاتارلىق بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش، قولى بىلەن تارتىپ مۇستەھكەم ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ كۆرۈش كىرەك . ناۋادا ناچار سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بولسا، يۇقىرىدا ئىيتىلغان بۇيۇملىرى ئاسانلا چىقىپ كىتىدۇ. ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىدە يىلىم بىلەن چاپلىغان نەرسىلەر بولسا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.  بۇنىڭدىن باشقا قولىدا بېسىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى ياخشى بولۇشى كېرەك. ئادەتتە ئىشلىتىدىغىنى بولسا ياخشى سۈپەتلىك پاختا، لېكىن سۈپەتسىز ماللارنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويۇنچۇقنىڭ تىكىلىش ئېغىزلىرىغا دىققەت قىلىش،  سۈپەتسىز ماللار بولسا يىڭنە ئىزى قېلىپ ئاسانلا بوشىشىپ كېتىدۇ. 
3.كۆرسەتمىسى ئىنىق ۋە توغرا بولۇشى كېرەك. 

ئويۇنچۇق سىرتىدىكى ماركىدا ياكى ئويۇنچۇق قىپىدا ئىنىق بولغان زاۋۇت ئادرىسى ۋە ئويناشقا توغرا كېلىدىغان ياش چەكلىمىسى  ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ. شۇنداقلا ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق تۈرلەرمۇ يېزىقلىق بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئاتا –ئانىلارنىڭ ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ  پايدىلىنىدىغان ياخشى ئۇچۇرى بولالايدۇ. 

4.شوخ تېتىك بالىلارغا نىسبەتەن ئويۇنچۇقنىڭ سىرتقى قىپى ئىچىدىكى «ئىچىدە كىچىك ئەسۋاپلىرى بار» دېگەن ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلىش كىرەك. چۈنكى قۇراشتۇرۇشقا بولىدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ كىچىك ئەسۋابلىرىنى 3 ياشتىن تۆۋەن بالىلار يۇتۇۋېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، نەپەس توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى كېلىپ چىقىدۇ. 3 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى ئاددىي نۇر چىقىرىدىغان،  ئاۋاز چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش جەريانىدا خەتەرگە يولۇقۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،  ئاتا –ئانىلار يەنە ئويۇنچۇق ئۈستىدىكى يۇمىلاق، ھەرىكەتسىمان بۇيۇملارغا دىققەت قىلىشى،  بۇ بۇيۇملارنىڭ بالىنىڭ بارماقلىرىنى قىسىۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى