ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر قەدەر چوڭ ياشتىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى

بىر قەدەر چوڭ ياشتىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى

ۋاقتى: 2016-07-19 ئاۋاتلىقى: 539 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر قەدەر چوڭ ياشتىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى

كۆپۈنچە  يۇقىرى ياشتىكى بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، ئوزۇقلۇق مىقدارى كىچىك بوۋاقلارنىڭكىدىن يۇقىرىراق، ئاقسىل مىقدارىمۇ ئاشۇرۇلغان. ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى بوۋاقلار ئۈچۈن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بوۋاقلارغا بىر ياشقا كىرگىچە ئوزۇقلۇق بېرەلەيدۇ، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ، ھەمدە بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار  قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا باشلايدۇ، ھەممىسىنىڭ يۇقىرى ئاقسىل تەركىبلىك پاراشوكلارغا ئىھتىياجلىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بۇ ۋاقىتتا گەرچە بوۋاقنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى يېڭى تۇغۇلغاندىكىدىن پىشىپ يېتىلسىمۇ، بىخەتەرلىك نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئاز-ئازدىن مىقدارىنى كۆپەيتىپ سۈت ئالماشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىش لازىم.

ئۇندىن سىرت، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز، ئەگەر بوۋاقتا باشقىچە ئەكس تەسىر كۆرۈلمىسە، ئاندىن مىقدارىنى كۆپەيتسە بولىدۇ، ئەگەر ماسلىشالمىسا ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىش لازىم. ئومۇمەن ئېيىتقاندا، بارلىق خىزمەتلەر بوۋاق قوبۇل قىلالايدىغان، ئەكس تەسىرى يوق بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا بولسا بولىدۇ. ئالماشتۇرىمەن دەپلا ئالماشتۇرماسلىق، بوۋاقلارغا ماسلاشقۇدەك جەريان بولماي قالماسلىقى لازىم.

4. ”سۈت ئالماشتۇرۇش“قا ماسلىشالمىغانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى

ئىچى سۈرۈپ قېلىش
 سۈت ئېمىشنى خالىماسلىق
ياندۇرۇش
ئىچى قېتىپ قېلىش
يىغلاپ غەلۋە قىلىش
زىيادە سەزگۈرلۈك
 بۇلارنىڭ ئىچىدە ”ئىچى سۈرۈپ قېلىش“ سۈت ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، ”سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش“نىڭ ئىپادىسى بولسا تېرىسى قىچىشىش، قىزىل مونەكچە پەيدا بولۇپ قېلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بىر تەرەپتىن بوۋاقلارغا سۈت ئالماشتۇرغاچ،يەن بىر تەرەپتىن بوۋاقلارنىڭ قايسى تەرەپلىرى غەلىتە ئىكەنلىكىنى كۆزىتىپ تۇرىشى لازىم.

سەمىمىي ئەسكەرتىش:

1)ئادەتتە كۆپ قېتىم سۈت ماركىسىنى ئالماشتۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز، بولمىغاندا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشىدا ئەكس تەسىر كۆرىلىدۇ.
2)سۈت ئالماشتۇرۇش چوقۇم بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.
3)ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ياكى كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا سۈت ئالماشتۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
4)بىرىنچى قېتىملىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بوۋاق ئاستا-ئاستا ماسلىشىدۇ، ئاندىن ئىككىنچى قېتىملىق تامىقىنى بېرىشىڭىز لازىم.
5)سۈ ئالماشتۇرۇش چوقۇم ئايلانما ئاز-ئازدىن قوشۇش شەكلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى، ئالدىراپ ئېلىپ بېرىلماسلىقى زۆرۈر. ئومۇمىي جەريانغا بىر ئىككى ھەپتە ۋاقىت كەتسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى