بالا كېچىسى يىغلىغاندا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟)(2)
يانفوندا كۆرۈش
بالا كېچىسى يىغلىغاندا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟)(2)
كۈندۈزى ھەرىكەت يېتەرسىز.
بەزى بالىلار كۈندۈزى ھەرىكەت يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن ئاخشىمى ئۇخلىغىلى ئۇنماي يىغلاپ توختىمايدۇ. بۇنداق بالىلارنى كۈندۈزى كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇپ بالا ھېرىپ چارچىغاندا ئۇخلاتقاندا تەبىيلا تىنىچ ئارام ئالىدۇ.
مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق
بەزى بالىلار يېڭى مۇھىتقا ماسلىشالماي كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانىلار كۈندۈزى ئىشلىگەندە بالا ئۇخلايدۇ ئەمما ئاخشىمى ئاتا-ئانا ئۇخلىغاندا بولسا بالا ئىشلەشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالا بىلەن بىرگە ئوينىمىغاندا بالا يىغلاشتىن توختىمايدۇ. بۇنداق بالىلارغا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرى تەكلىپ قىلىپ تەلىم-تەربىيە ئېلىش كېرەك.
چۈشلۈك ئارامنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماسلىق
. بەزى بالىلار ئەتىگەندە سەھەر تۇرمايدۇ،چۈشلۈك ئارامنى بولسا سائەت ئىككى ئۈچلەردە ئالىدۇ،ۋە ياكى كېچىسى بەك بالدۇر ئۇخلاش قاتارلىق سەۋەبلەردىن يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ يىغلاپ توختىمايدۇ،بۇنداق بالىلارنى ئەتتىگىنى بالدۇر ئويغىتىپ چۈشلۈك ئارامنى تەڭشەپ ئاخشىمى بالىنىڭ ئۇيقىسى كەلگەندە ئۇخلاتقاندا بالا تاكى تاڭ ئاتقۇچە تېنىچ ئارام ئالىدۇ