ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ 7 ئايلىق بولغاندىكى دوراش ئىقتىدارى

بوۋاقنىڭ 7 ئايلىق بولغاندىكى دوراش ئىقتىدارى

ۋاقتى: 2015-11-03 ئاۋاتلىقى: 577 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقنىڭ 7 ئايلىق بولغاندىكى دوراش ئىقتىدارى

دادا بولغۇچى كىچىك دۇمباقنى چېلىپ بەرسە، بوۋاقمۇ كىچىك بىلەكلىرىنى كۆتۈرۈپ ئوينايدۇ.  ئەگەر كىچىك دۇمباقنى بوۋاققا بەرسە، بوۋاق ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا كىچىك دۇمباقنى قالايمىقان ئۇرۇپ ئوينايدۇ.  

ئەگەر ئانا بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان بولسا، بوۋاقمۇ بىرەر پارچە رەختنى بېشىغا ئارتىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ ياكى بولمىسا كىيىملەرنى تارتقۇچلاپ بولسىمۇ بىشىغا قويۇپ باقىدۇ.  

چوڭلار بىرلىكتە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ خۇشاللىقىدا چاۋاك چالسا، بوۋاقمۇ ئوماق قوللىرىنى بىر بىرىگە ئۇرۇپ كۈلىدۇ، خۇددى ئۇمۇ پاراڭلارنى چۈشەنگەندەك.  بوۋاق يەنە ئاۋازلارنىمۇ دورىيالايدۇ، مەسىلەن ماشىنىنىڭ دۇت-دۇت قىلغان ئاۋازىنى، قولى ئارقىلىق ئاۋاز چىققان جاينى ئىشارەت قىلىدۇ.  

بوۋاق سۇ ئويناشقا ئالاھىدە ئامراق بولىدۇ، سۇدا ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ قويغاندىكى ھالىتىنى دوراپ يۈزىنى يۇيىدۇ.  

بوۋاق يەنە كىتاب ۋاراقلىغاندىكى ئاۋازنى ياخشى كۆرىدۇ، چوڭلارنى دوراپ باش بارمىقى بىلەن كىتاب ۋاراقلايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى