ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئارىلاشما بېقىلىشتىن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىغا ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى

ئارىلاشما بېقىلىشتىن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىغا ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى

ۋاقتى: 2015-10-17 ئاۋاتلىقى: 721 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئارىلاشما بېقىلىشتىن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىغا ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى


ئايلانما ئاز-ئازدىن قوشۇش شەكلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش،ئالدى بىلەن ئاز مىقداردىن باشلاش                                                          ئالدى بىلەن ئاز مىقداردىن باشلاپ، مەسىلەن بىرقېتىمدا 30 مىللىيلېتىر، ئاندىن بوۋاقتىكى تەسىرىنى كۆزىتىش لازىم. ئەگەر بوۋاق ئېمىپ بولۇپ ئۇخلىمىسا ياكى ئۇخلاپ بىرەر سائەتتىلا ئويغىنىپ كەتسە، توختىماستىن ئەمچەك ئىزدىسە ھەتتا يىغلاپ غەلۋە قىلسا، بۇ ئۇنىڭ تويمىغانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ، ئۇنداقتا مۇۋاپىق مىقداردا مىقدارىنى كۆپەيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن بىر قېتىمدا 50-60مىللىيلېتىرغىچە كۆپەيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.  سۈتنى مۇشۇ شەكىلدە بوۋىقىڭىز ئېمىپ بولۇپ تىنىچلانغىچە ياكى ئۇيقىسىنى بىر سائەتتىن كۆپ داۋاملاشتۇرالىغىچە بەرسىڭىز بولىدۇ.                                                                        
بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن ياشتىكى بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى 500 گىرامدىن ئاشسا، بۇ سۈت بېرىلىش مىقدارىنىڭ ئۇنىڭ يېتىلىش تەلىپىنى قاندۇرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەر بىر بوۋاقنىڭ تەلىپى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئاتا- ئانا بولغۇچىلار پەقەت ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە توختىماستىن سىناش ئارقىلىقلا، ئاندىن ئۆز بوۋىقىنىڭ ھەقىقىي مىقدار تەلىپىنى بىلەلەيدۇ.   

سۈت ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش 
                                                                           
ھەر بىرخىل تۈردىكى سۈتنى تەڭشەش ئۈچۈن بەلگىلىك جەريان كېتىدىغان بولغاچقا ، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ۋەھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ ھەر خىل سۈت پاراشوكى تەركىبى ئوخشىمىغاچقا، ئەگەر باشقا بىرخىل تەركىبتىكى سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرغاندا، بوۋاقنىڭ يەنە قايتىدىن ئۇنىڭغا ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاسانلا بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىر قەدەر تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ چاغدا يەنە بىرخىل سۈ پاراشوكىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاندىن ئوزۇقلۇق  ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.                                           
                                                                            
1)سۈت ئالماشتۇرۇشنى چوقۇم بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى نورمال بولغان شارائىتتا ئېلىپ بېرىش                                           ئەگەر بوۋاقتا ئىچى سۈرۈش، قىززىش، زۇكام قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە سۈت ئالماشتۇرماسلىق، ۋاكسىنا ئەملەش جەريانىدىمۇ سۈت ئالماشتۇرماسلىق لازىم.

ئارىلاشما بېقىلىشتىن تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى

ئەگەر ئانا سۈتى راستىنلا  كەمچىل بولسا، مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەلگەن سۈت بىلەن تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ. تولۇقلاش ئۇسۇلى ئىككى خىل:

تولۇقلاپ بېرىش ئۇسۇلى                                                                                                                                                                         
يەنى ئانا سۈتىنى ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاۋۋال باشقا تەركىبتىكى تەڭشەلگەن سۈتلەرنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، قورسىقى تويۇپ قېلىپ  ئانا سۈتىنى ئەممەي، ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىشىنىڭ تېخىمۇ ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانا سۈتىنىڭ ئاجىرلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىنىڭ بەلگىلىك ئانا سۈتى بىلەن تەمىنلىنىشىگە پايدىلىق

ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى

يەنى تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى ياكى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئانا سۈتى بىلەن بىر قېتىم ياكى بىر نەچچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ بېقىش. ئادەتتە ئانا خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن بىز بۇخىل بېقىش ئۇسۇلىنى قوللاپ كەتمەيمىز، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئانا سۈتىنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇندىن سىرت، ئارىلاش بېقىلغان بوۋاقلارنى ئەگەر پۈتۈن تەڭشەلگەن سۈت بىلەن بېقىشقا ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، سۈت ئالماشتۇرۇشنى ئەمدى باشلىغىنىڭىزدا، ئەڭ باشلىنىشتا بوۋىقىڭىزغا ئانا سۈتى بېرىپ، تەڭشەلگەن سۈتنى قوشۇمچە يانداشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ. مەسىلەن، بوۋاق ئانا سۈتىنى ئېمىپ بولۇپ يەن ئەممەكچى بولسا، بوۋىقىڭىزغا 30 مىللىلېتىر تەڭشەلمە سۈتنى تەڭشەپ بېرىڭ،شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تەڭشەلمە سۈتنىڭ تەمىگە كۆندۈرۈڭ. ۋە ياكى ئالدى بىلەن بىر كۈندە بىر قېتىملىق ئانا سۈتىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، تەڭشەلمە سۈتكە ئالماشتۇرۇڭ. ئەگەر بوۋىقىڭىز ئەسلىدىكى تەڭشەلمە سۈتكە ماسلىشىپ بولغان بولسا، ئۇنداقتا بوۋىقىڭىزنى باشقا خىلدىكى سۈت پاراشوكىغا ماسلاشتۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ھەمدە سۈت ئالماشتۇرۇش بىر قەدەر ئاسانغا توختايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى