ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالا يىغلاشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بالا يىغلاشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ۋاقتى: 2016-01-17 ئاۋاتلىقى: 752 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالا يىغلاشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

يىغلاش بولسا بالىنىڭ تەبىئى ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ . بۇنىڭ مەقسىتى بولسا ئۆزىنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىياجىنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. بالىنىڭ يىغلىشى دەل ئۇنىڭ بىرە نەرسىنى تەلەپ قىلۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن قورسىقى ئېچىپ كەتكەن، بىرە يېرى ئاغرىغان، سوغۇق ئۆتۈپ قالغان، بىرەر نەرسىدىن چۆچۈپ كەتكەن ۋەھاكازالار. . .  شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى بۇ ھەرگىزمۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىنى قەستەن پەرىشان قىلغانلىقى بولماسىن پەقەت بالىنىڭ بىرە ئېھتىياجىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. 

 بالا يىغلاشنىڭ تۈرلىرى شۇنداقلا يىغلاشتىن توختىتىش ئۇسۇللىرى. 

بالىنىڭ يىغلىشىغا نىسبەتەن ئالىملار ئىنتايىن كۆپ تەتقىقات ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ باردى. پەقەت بالىنىڭ نېمە سەۋەبتىن يىغلىغانلىقىنى بىلگەندىلا بالىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ شۇنداقلابوۋاقنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بەزلەپ ئانا –بالا ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپنى بىرمۇ بىر تۈگىتىدۇ. تۆۋەندە بوۋاق ئادەتتە نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ شۇنداقلا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك قېنى كۆرۈپ باقايلى. 

ساغلاملىقتىن بولغان يىغا:

بوۋاقنىڭ ئادەتتىكى يىغا ئاۋازى جاراڭلىق بەكمۇ قۇلاقنى بىئارام قىلمايدۇ، ئاۋازى ياڭراق، رېتىمى كۈچلۈك، كۆزىدىن ياش چىقمايدۇ. كۈندىلىك يىغلاش ۋاقتىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 2 سائەتكە يېتىدۇ، بۇمۇ تەن-ھەرىكەتنىڭ بىر تۈرى. بوۋاق ئادەتتە كۈندە 4~5قېتىم يىغلايدۇ، ئەمما ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقۇلارغا تەسىرى بولمايدۇ، ھەر قېتىملىق يىغلاش ۋاقتى قىسقا. 
يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى؛ بوۋاققا كۈلۈمسىرەپ يېنىك سىلىسا ياكى بوۋاقنىڭ ئىككى قولىنى قورسىقىغا قويۇپ بىر-ئىككى ئىرغاڭلاتقاندىلا يىغىدىن توختايدۇ. 

قورسىقى ئاچقانلىقتىن بولغان يىغا:

بوۋاق ئادەتتە سۈت ئېمىپ بولۇپ 2~3سائەتتىن كېيىن يىغلايدۇ، يىغا ئاۋازى قىسقا، رېتىملىق، جىددىيمۇ ئەمەس ئاستىمۇ ئەمەس. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ مەڭزىگە قولنى تەككۈزگەندە ،بوۋاق دەرھال شۇ تەرەپكە  بېشىنى تولغاپ ئەمگەندەك ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر قولنى تارتىۋېلىپ ،ئېمىتمىگەندە بالىنىڭ يىغىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 

يېغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى: بالىنى تېزدىن ئېمىتكەندىلا يىغىدىن دەرھال توختايدۇ. قوسىقى تويغاندىن كېيىن يەنە يىغلىمايدۇ ھەتتا كۈلۈپ ئەركىلەشكە باشلايدۇ. 

ئېمىتىشتىن بولغان يىغا:
بۇ خىل يىغا ئادەتتە بالا ئېمىتىپ 3~5 مىنۇتتىن كېيىن تۇيۇقسىز بولىدۇ. بۇ ئېمىتكەن سۇ ياكى سۈت بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق ،ئېمىزگە تۆشۈكى بەك كىچىك ياكى بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكتىن بولغان. 

يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى: دەرھال سۈتنىڭ سوغۇق-ئىسسىقلىقى ۋە ئېمىزگە تۆشىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەكشۈرۈپ ئەگەر بۇلار نورمال بولسا يەنە باشقا سەۋەبلەرنى ئىزدەپ كۆرۈش كېرەك.  

قورسىقى تويۇپ كۆپكەنلىكتىن بولغان يىغا:
بۇ خىل يىغا كۆپىنچە ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن بولۇپ يىغا ئاۋازى كۈچلۈك. ئەگەر بالىنىڭ قورسىقىنى كۆكسىگە ياققاندا يىغا ئاۋازى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ھەتتا  ياندۇرىدۇ. 

يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى:
قورساق ھەددىدىن زىيادە تويۇپ كۆپۈپ كەتكەن بولسا ئالاھىدە بەزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى يىغا تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بالىنىڭ بىئاراملىقىنى پەسەيتىدۇ. ئەمما تاماقنىڭ يېنىپ كېتىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.  

تېگى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكتىن بولغان يىغا:
ئادەتتە سۈت ئېمىپ بولۇپ ياكى كېچىسى ئويغىنىپ كەتكەندە يىغلايدۇ. يىغىسى بەك كۈچلۈك ئەمەس، يېشى يوق، ئىككى پۇتى بىلەن يوتقاننى تېپىپ يىغلايدۇ،بەزىدە بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن يوتىسىنى ئۇيان-بۇيان قىلىدۇ. 

ئۇيقۇسىزلىقتىن بولغان يىغا:
بوۋاقنىڭ ھارغاندا ئۇخلىشى بولسا بالىنىڭ تۇغما ئىنكاسىدۇر، شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتا بەك كۆپ بەزلىمىسىمۇ ئىنتايىن تېزلا ئۇخلاپ بولىدۇ. بوۋاق چارچاپ كەتكەندە ئەسنەپ كۆزىنى ئۇۋىلايدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ بۇ ئىنكاسىنى بىلەلمەي يەنىلا بالىنى بەزلەپ، ئەركىلىتىپ، كۆتۈرۈپ يۈرگەندە ياكى ئۆيدە ئادەم بەك كۆپ  ۋاراڭ-چۇرۇڭ، شۇنداقلا ئۆينىڭ ئىچى بەك ئىسسىق بولسا بالىنىڭ يىغىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 

يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى: بالىنى تىنىچ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ياتقۇزۇپ پەپىلىگەندە ئىنتايىن تېزلا يىغىدىن توختاپ ئۇخلايدۇ. 

بىئاراملىقتىن بولغان يىغا:
بۇ خىل يىغا ئادەتتە بوۋاقنىڭ قورسىقى تويۇپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئويناشتىن بۇرۇن بولۇپ بىر دەپ توختاپ بىر دەم يىغلاپ ناھايتى رېتىمسىز بەزىدە تېخى كۆزىنى يوغان ئېچىپ ئۇيان-بۇيان قاراپ قويىدۇ. 

يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى: چوڭلار بوۋاقنى قوينىغا ئېلىپ ئازراق بەزلىگەندىن كېيىن يىغىدىن توختايدۇ،ئەگەر قويۇپ قويسا يەنە داۋاملىق يىغلىسا بالىغا ھەمراھ بولۇش كېرەك. 

مۇھىتقا ماسلىشالمىغانلىقتىن بولغان يىغا:
ئەگەر بوۋاقنىڭ يىغىسىدا بىئاراملىق كەيپىياتى ئارلاش بولسا ئەتراپتىكى مۇھىت بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭمۇ يوق دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن چىراغنىڭ نۇرى بەك كۈچلۈكمۇ، شاۋقۇنلۇق ئاۋاز، نەرسە يۆتكىگەن ئاۋاز ياكى بۆشۈك تەۋرەتكەن رېتىم بەك تېزمۇ قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. 

يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى: بۇ ۋاقىتتا ئاۋۋال ئەتراپتىكى موھىتنى تەكشۈرۈپ بېقىپ ،شاۋقۇن بولسا يوقۇتۇش،چىراغ نۇرى بەك كۈچلۈك بولسا تۆۋەنلىتىش كېرەك، ئاندىن بالىنى كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ ئازراق ئاچچىقىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن بالا تىنچلىنامدۇ يوق قاراپ بېقىش كېرەك . بەزى بوۋاقلار ئازراق سەگەك، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا رېتىملىق تۇرمۇش ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ئامال بار كۈندىلىك سۈت بېرىدىغان، يۇيۇندۇرىدىغان، شۇنداقلا ئۇخلايدىغان ۋاقتىنى مۇقىم قىلىش كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا بالىنى تېخىمۇ خاتېرجەم قىلغىلى بولىدۇ. 

تېمپىراتۇرنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن بولغان يىغا:
ئۆينىڭ تېمپىراتۇرسى بەك يۇقىرى ياكى يوتقان بەك قېلىن بولۇپ كەتكەندە ،بالا سەل يۇقىرى ئاۋازدا پۇت-قوللىرىنى ئۇيان-بۇيان ئېتىپ يىغلايدۇ يەنە پۈتۈن بەدىنىدىن تەر چىقىدۇ، ئەگەر ئۆزى يوتقاننى تېپىپ ئېچىۋەتكەندە يىغىدىن توختايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ پېشانىسى، بوينى، قۇلىقى قاتارلىق ئوچۇق جايلىرىنى تۇتۇپ باقسا ئەگەر بوينى ۋە قۇلىقىنىڭ كەينى قاتارلىق جايلاردا تەر بولسا بەك ئىسسىپ كەتكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بۇ جايلار بەك سوغۇق، يىغا ئاۋازى سەل تۆۋەن بولسا دەرھال بوۋاقنىڭ يوتقان كىيىملىرىنى قېلىنلىتىش كېرەك. 

يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى: قۇرۇق ئىسسىق بولسا تېزدىن بالىنىڭ يوتقىنى، كېيىم-كېچەكلىرىنى نېپىزلىتىش ياكى بالىنى سالقىن جايغا يۆتكەش كېرەك. ئەكسىچە بولسا كېيىم – كېچەك ياكى يوتقىنىنى قېلىنلاتسىلا بولىدۇ. 

مىجەزى يوقلىقتىن بولغان يىغا:
بالىنىڭ يېتىشى كېلىشمىگەن ،كىي مى بەك چىڭ، پاشا چاققان ياكى بالىنىڭ پۇتى كارىۋات رېشاتكىسىغا قىسىلىپ قالغان دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە بالا تولغىنىپ چىقىراپ يىغلايدۇ. 

يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى: بۇ ۋاقىتتا دەرھال بالىنىڭ كىيىم –كېچىكى، يوتقىنى، شۇنداقلا پاشا چاقتىمۇ يوق، بەدىنىدە كۆرۈنەرلىك ساقسىزلىق بارمۇ يوق قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ ئەھۋاللارنى يوقاتقاندىن كېيىن بالىنى بىر ئاز بەزلىگەندىن كېيىن بالىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشقاندا يىغىدىن توختايدۇ. 

چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن بولغان يىغا:
بالا بىرە نەرسىدىن چۆچۈپ كەتكەن ياكى بىرە زەربىگە ئۇچۇرغان بولسا تۇيۇقسىز يىغلايدۇ، يىغا ئاۋازى يۇقىرى زىل، تۇرۇپ-تۇرۇپ چىقىرايدۇ. 

يىغىدىن توختىتىش ئۇسۇلى:
چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن بولغان يىغا 
كۆپىنچە، بالا قاراڭغۇدا قالغان، يالغۇز قالغان، ئوكۇل ئۇرغان دورا ئېچكەن ياكى  تۇيۇقسىز كەلگەن ئاۋازلاردىن چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. شۇڭا ئىنچىكلىك بىلەن بالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ بۇ قورقۇنچ ئالامەتلىرىنى يوقۇتۇش كېرەك. 

كېسەلدىن بولغان يىغا:
 بالا بەك ئاغرىق ھېس قىلغاندا، يىغا ئاۋازى قائىدىسىز، يۇقىرى ھەم  كۈچلۈك، تۇيۇقسىزلا يىغلايدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. بەدەن ھەرىكىتىدە ئالاھىدىلىك يوق. بۇ ۋاقىتتا ئېمىتىش ئارقىلىق بالىنى تىنچلاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ بەلكىم ئۈچەي مۇجۇپ ئاغرىشتىن، قورسىقى كۆپۈپ كەتكەنلىكتىن، سىرتقى قۇلاق يولىغا چىقان چىقىپ قالغانلىقتىن ياكى تېرە يۇقۇملانغانلىقتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. 
بالىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا، يىغا ئاۋازى تۆۋەنلەپ جانسىز قىسقا ئىڭرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتۈن بەدەننىڭ ئىنكاسى تۆۋەنلەپ، سۈت ئەممەيدۇ، قىززىدۇ ياكى بەدەن تېمپىراتۇرسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى