ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىيدىغان ۋاقىت ۋە پەسىللەر

بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىيدىغان ۋاقىت ۋە پەسىللەر

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 492 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىيدىغان ۋاقىت ۋە پەسىللەر

 ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى، ئەمما بوۋاقلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارقىلىق ئۈسۈپ يېتىلىش ئھتىياجىنى قاندۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئانا سۈتى بۇنداق ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالىدۇ، سۈتتىن ئايرىش تەبىئىي ھالدا چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا قايسى ۋاقىت سۈتتىن ئايرىيدىغان ئەڭ ياخشى پەيت ؟

ئادەتتىكى سۈتتىن ئايرىش ۋاقتى

ئادەتتە 8-10 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنى ئايرىسىڭىز بولىدۇ، بىراق بوۋىقىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا سۈتتىن ئايرىشمۇ ئالدىرىماي ئاستا-ئاستا ئېلىپ بارىدىغان جەريان. 

ئەتىياز، كۈز پەسىللىرى سۈتتىن ئايرىشتىكى ئەڭ ياخشى پەسىل

ئىلمىي نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئەتىياز، كۈز پەسىللىرى سۈتتىن ئايرىشتىكى ئەڭ ياخشى پەسىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ..

ئەگەر ۋاقىت بويىچە ھېسابلاپ، بالىنىڭ سۈتتىن ئايرىش ۋاقتى يازغا توغرا كېلىپ قالسا، مۇۋاپىق ھالدا بىرەر- ئىككى ئاي كەينىگە سۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، بالىنىڭ بەدىنىدە باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىمۇ، سۈتتىن ئايرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كەينىگە سۈرىشىڭىز كېرەك.

نۇرغۇنلىغان ئانا بولغۇچىلار  كۈز يېڭى كىردى، ھازىر بالىنى سۈتتىن ئايرىساق بولامدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. ئادەتتە كۈز يېڭى كىرگەن بولسىمۇ ھاۋا يەنىلا ئازراق ئىسسىق. بالىنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى توققىزىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى سالقىن ۋاقىتىن تاللىنىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ سۈتتىن ئايرىلىش سەۋەبلىك ئوزۇقلۇق ۋە بەدەننىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.

ياز كۈنلىرى بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىمىغان ياخشى

ياز كۈنلىرى ھاۋا ئىسسىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، سۇسىزلىنىش، قورسىقى ئاغرىش، زۇكام بولۇپ قېلىش، قىززىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئانا سۈتىدىكى ئانتىبىئوتى، بوۋاقنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق كېسەل بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ دەل ياز كۈنلىرى بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىۋېتىشى، بالىلارنىڭ كۆپلەپ ئانتىبىئوتى قۇبۇل قىلالماسلىقىنى، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سۈتتىن ئايرىش  روھىي كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى بەدەننىڭ ئىممونىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى، ئاسانلا قورساق ئاغرىش، قىززىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۈتتىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىن كېلىدىغان بولغاچقا، يەنە كېلىپ ياز كۈنى كۆپلەپ تەر چىقىدىغان ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى قاتارلىق ئاجرالمىلار ئازلايدىغان بولغاچقا، بالىنىڭ ئىشتىھاسى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، يىمەك- ئىچمەك ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىمۇ ناچارلىشىدۇ، شۇڭا بالىلارنى تومۇز ياز كۈنلىرى سۈتتىن ئايرىمىغان ياخشى.

سۈتتىن ئايرىش ياكى ئايرىماسلىقتا بوۋاقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراش كېرەك

ئەمەلىيەتتە، بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ ھىچقانداق ۋاقىت بەلگىلىمىسى يوق، توغرا ئۇسۇلى بولسا بوۋاقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. بەزى بوۋاقلار گەرچە سۈتتىن ئايرىش يېشىغا يەتكەن بولسىمۇ، بىراق كالا سۈتىدىن باشقا يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرمايدۇ، بۇنداق چاغدا زورمۇ زور باشقا يېمەكلىككە زورلىماڭ. بۇ يەنە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنى سۇتتىن ئايرىۋىتىش سەل بالدۇر.

ئەگەر بوۋاقلار باشقىلارنىڭ نەرسە يېگىنىنى كۆرۈپ تالاشسا، يېمەكچى بولغاندەك ھەرىكەتنى ئىپادىلىسە، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا ئا- ئانا بولغۇچى ئاسا-ئاستا سۈتتىن ئايرىشقا كىرىشسە بولىدۇ، ھەمدە بۇ چاغدا سۈتتىن ئايرىش بىرقەدەر ئاسانغا توختايدۇ.

نۇرغۇن ئانىلار ئانا سۈتىدە بوۋاقنى ئالتە ئاي ئېمىتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدا ھىېچقانداق ئوزۇقلۇق قالمايدۇ، شۇڭا مۇشۇ ۋاقىتتا سۈتتىن ئايرىسا ياخشى دەپ قارايدۇ. گەرچە ئالتە ئايلىق بوۋاقنى سۈتىن ئايرىش ئاسان بولسىمۇ، بىراق يېشى كىچىك، قوشۇپ بېرىدىغان يېمەكلىكنىڭ تۈرى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بوۋاق ئورۇقلاپ كېتىشى، ھەمدە بىر قىسىم كېسەللىك كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت بولسا، بوۋاق بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىنكى ئەتىياز كۈز پەسىللىرى بولسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى نۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك تەمىنلەپ بەرگەن ئىسسىقلىق ئۇ ئېرىشىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ 60%دىن يۇقىرى بولۇپ، ئانا سۈتىدىن ئايرىشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلاپ بېرەلەيدىكەن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، قانداق ۋاقىتتا بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىش، سۈتتىن ئايرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش بولماسلىقى، ئۇنىڭ يېشىنىڭ ئالتە ئايلىق ياكى سەككىز ئايلىق بولۇشى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 6 كىلوگىرام ياكى  7كىلوگىرام بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، ئۇنى بوۋاقنىڭ زادى سۈتتىن ئايرىلىپ باشقا بىر نەرسە يېگۈسى بار يوقلىقى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى بوۋاقنىڭ ئاكتىپلىقىغا قارىماستىن مەجبۇرىي ھالدا سۈتتىن ئايرىش ئېلىپ ، گەرچە ياخشى تەملىك قوشۇمچە يېمەكلىكەرنى بەرسىڭىزمۇ، بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مەقسىتىگە يېتەلمەيسىز.

مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار

مەلۇم بولۇشىچە،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى(WTO) بىلەن بالىلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى
 (united nations children’s fund,简称UNICEF )كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا، ئانا سۈتىدە ئېمىتىشنى 24 ئايدىن كۆپ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەۋىسىيە قىلىدۇ. دۆلىتىمىز ئوزۇقلۇق  جەمئىيىتى ئانا – بالىلار تارماق جەمئىيىتى دۆلىتىمىز بوۋاقلىرىنىڭ بەدەن ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىككى ياش بوۋاقلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق سۈتتىن ئايرىش يېشى دەپ قارايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى