ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاتا-ئانىلار بىلىشقا تېگىشلىك 10 خەتەرلىك ئويۇنچۇق

ئاتا-ئانىلار بىلىشقا تېگىشلىك 10 خەتەرلىك ئويۇنچۇق

ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 515 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاتا-ئانىلار بىلىشقا تېگىشلىك 10 خەتەرلىك ئويۇنچۇق 

ئويۇنچۇق بولسا بالىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان نەرسىسى ھەم بالىنىڭ ياخشى ھەمراھى.  ئويۇنچۇقنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك دەرىجىسى بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئويۇنچۇق ئالغاندا سۈپىتى ياخشى، بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولغان ئويۇنچۇقلارنى ئىلىش كىرەك. 

1.قارىغا ئېتىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق :بۇ ئويۇنچۇقنىڭ خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى، بالىنى ئامال بار بۇنداق ئويۇنچۇقتىن  يىراق تۇرغۇزۇش كېرەك. 
2. شار: شار ئېتىلىپ كېتىپ ئاسانلا بالىنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر شار بالىنىڭ قولىدا ئېتىلىپ كەتكەن بولسا، شار پارچىلىرىنى ئاغزىغا سېلىپ يۇتۇۋېتىشى مۇمكىن. 
3.ھەجىمى كىچىك ئويۇنچۇقلار: ھەجىمى بىر قەدەر كىچىك بولغان ئويۇنچۇقلار ياكى ئويۇنچۇق ئۈستىدىكى زىننەت بۇيۇملىرىنى  بالا ئاغزىغا سېلىۋالسا خەتەر كېلىپ چىقىدۇ. 
4.يىپى بار ئويۇنچۇقلار: ئويۇنچۇقنىڭ يىپى ئاسانلا بالىنىڭ بوينىغا ياكى بارماقلىرىغا چىگىلىپ قېلىپ ۋاقىت ئۇزارغانسىرى نەپەس سىقىلىش ياكى قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
5.نىقاپلىق ئويۇنچۇقلار: بەزىبىر سۈپەتسىز نىقابلار بولسا زەھەرلىك سۇلياۋ بۇيۇملاردىن ياسىلىدۇ. تەركىبىدە زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار بولىدۇ. بالا بۇنىڭدىن ئاسانلا زەھەرلىنىشكە ئۇچرايدۇ. بەزىبىر نىقابلاردا بۇرۇن –ئىغىز قاتارلىق ئەزالارنى قالدۇرىدىغان تۆشۈك بولمايدۇ. ئەگەر بالا نىقابنى ئۇزۇن ۋاقىت تاقىغاندا چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، باش قىيىش، كۆزى تورلىشىش ھەتتا ئىغىر بولغاندا نەپەس ئالالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
6.سىلىق بولمىغان ئويۇنچۇقلار: ئويۇنچۇق سىرتىدا ئۇچلۇق نەرسىلەر بولسا بالىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن. 
7.مېتال بۇيۇملاردىن ياسالغان ئويۇنچۇقلار: مېتالنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلغان ياكى پۈتۈنلەي مېتالدىن ياسالغان ئويۇنچۇقلارنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ئۈستىگە يالىتىلغان سىىردىمۇ زەھەرلىك ماددا بولۇشى مۇمكىن. 
8.ئاۋازلىق ئويۇنچۇقلار: بىر قىسىم ئاۋازلىق ئويۇنچۇقلار باتارىيەنى توك مەنبەسى قىلىدۇ. بۇ باتارىيەلەرنى بالىلار ئاسانلا چىقىرىۋالىدۇ. بولۇپمۇ تۈگمە شەكىللىك باتارىيەلەرنى ئاسانلا ئاغزىغا سىلىۋالىدۇ. شۇڭا باتارىيەلىك ئويۇنچۇقلارنى بولقا بىلەن چىڭ مۇقۇملاشتۇرۇلغىنىنى تاللاپ ئېلىش كىرەك. 
9.كىچىك بالىلار ماشىنىسى: كۆپلىگەن بالىلار ماشىنىسىنىڭ ئۇلانمىلىرى ياخشى  ھىملەنمىگەن بولىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ چاچلىرى ياكى ئاياق يىپلىرى قاتارلىق ئۇزۇن نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ. بەزى ھارۋىلارنىڭ ئورۇندۇقى بىخەتەر ئەمەس، ھەتتا بىخەتەرلىك تاسمىسىمۇ يوق، بالىنى مۇقىم ئولتۇرغۇزغىلى بولماي، يىقىلىپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 
10.يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلار: ئويۇنغا ئامراق بالىلار دائىم يۇڭلۇق نەرسىلەرنى قۇچاقلاپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ.  بۇنداق بولغاندا ئاسانلا نەپەس يولى ياللۇغلىنىش كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.  بەزى بالىلارنىڭ تىرىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى