ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

0~6 ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرى

0~6 ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرى

ۋاقتى: 2015-10-13 ئاۋاتلىقى: 733 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 0~6 ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرى 

ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى بوۋاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان  بىخەتەرلىك بىلىملىرى بولىدۇ . تۆۋەندە 0~6 ئايلىققىچە  بولغان بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلىشكە تېگىشلىك بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى  تونۇشتۇرىمىز. 
1.بوۋاقنىڭ كارىۋاتتىن دومىلاپ چۈشۈشىدىن ساقلىنىش: كارىۋاتنىڭ يېنىغا تېيىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پالاز سېلىپ، بالىنىڭ يامىشىۋاتقاندا تېيىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بوۋاققا ماس كېلىدىغان سۈپەتلىك بالىلار كارىۋىتى ئېلىش كېرەك. بالىنىڭ قولى ياكى بېشى كارىۋاتتىن چىقىپ قالماسلىقى كېرەك. كارىۋات ئۈستىدە بىر نەرسىلەرنى قويماسلىق كېرەك. 
2.بالىنىڭ نەپەسلىنەلمەي قېلىشىدىن ساقلىنىش: بالا بىلەن بىر كارىۋاتتا ياتماسلىق كېرەك. چوڭلار ئاسانلا بالىنى بېسىۋېلىپ، بالىنىڭ نەپەسلىنەلمەي ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىغا رېڭى چۈشۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى بەرمەسلىك كېرەك،  بولمىسا بالا ئۇنى ئاغزىغا سېلىپ خەتەر كىلىپ چىقىدۇ. بالىلارغا چوڭراق ئويۇنچۇق بىرىش كېرەك. 
3.بوۋاقنىڭ كۆيۈك  يارىسى بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بالىنى يۇيۇندۇرغاندا ئالدى بىلەن سوغۇق سۇ،  ئاندىن ئىسسىق سۇ قۇيۇش كېرەك. بالىنى چايدان قاتارلىق يۇقىرى تىمپىراتۇرىلىق ئەسۋابلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى