ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېڭى كىيىملەرنى بالىغا بىۋاستە كىيدۈرمەسلىك كېرەك.

يېڭى كىيىملەرنى بالىغا بىۋاستە كىيدۈرمەسلىك كېرەك.

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 1169 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى كىيىملەرنى بالىغا بىۋاستە كىيدۈرمەسلىك كېرەك.  

ئەسكەرتىش : يىڭى كىيىملەرنى بىر قېتىم پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن بوۋاققا كىيدۈرۈش كېرەك،  بۇنداق بولغاندا بىخەتەر ھەم پاكىز بولىدۇ. 
كىيىمنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ماتېرىيالى،  تىكىلىشى،  ئورىلىشى ھەتتا ھەرقايسى ئورۇنلارغا يۆتكىلىش مەزگىلىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئۆتىدۇ.  بۇ مەزگىلدە كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىرىيىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇلارنى بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز.  شۇڭا يىڭى كىيىم ئالغاندا چوقۇم يۇيۇۋىتىپ كىيدۈرۈش كېرەك. 

بوۋاقنىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، تېرىسى يۇمران،  قارشى تۇرۇش  ئىقتىدارى ناچار  بولىدۇ.  بولۇپمۇ يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ  تېرە مۈڭگۈز قەۋىتى نېپىز بولىدۇ.  يىڭى ئالغان كىيىم بولۇپمۇ ئىچ كىيىم يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا نىسبەتەن بىخەتەر بولمايدۇ. 
بەزى كىيىملەرنىڭ  رەختىدە ئورگانىك ماددىلار قېلىپ قالغان بولىدۇ.  ئەگەر يۇيۇپ  چىقىرىۋەتمىگەندە،  تىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يىڭى ئالغان كىيىمنى پاكىز يۇيۇۋىتىپ كىيگۈزۈڭ !

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى