ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ ھەرخىل بەدەن تىلىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىلىرى

بوۋاقنىڭ ھەرخىل بەدەن تىلىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىلىرى

ۋاقتى: 2016-03-27 ئاۋاتلىقى: 514 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بوۋاقنىڭ ھەرخىل بەدەن تىلىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىلىرى

بالا تىلى چىقىشتىن بۇرۇن چىراي ئىپادىسى، بەدەن تىلى ياكى بىر قىسىم غەيرىي ئاۋازلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى بىلدۈرىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بالىنىڭ «ئالاھىدە تىلى »نى چۈشىنىشى زۆرۈر. 

 چاۋاك سوقۇپ ۋىلىقلاپ  كۈلسە:
خۇشال، روھلۇق ھالەت بولۇپ.  ئادەتتە بالا كۈلگەندە كۆزى ناھايتى نۇرلۇق، ئىككى قولى بىرلىكتە شوخ مىدىرلاپ، بالىلىق سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئىككى قولى بىلەن بالىنىڭ مەڭزىنى سىلاپ پىشانىسىگە سۆيۈپ، بالىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. 

قولىنى شورىسا:
قولىنى شوراش بولسا بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى مۇھىم بىر بەلگىلەرنىڭ بىرى. 
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى باسقۇچتا پەقەت يىغا ۋە چىراي ئىپادىسى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا كالپۇكى ئارقىلىق ئىزدەيدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالا بارمىقىنى شوراشقا باشلايدۇ، كالپۇك، تىللىرىنى ئويناپ ئۆزىنى ئۆزى خۇش قىلىدۇ، بۇ بالىنىڭ خۇش بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. 

ئېغىزىنى ئۈمچەيتىسە؛
بىرەر نەرسىنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ يىغلاش ئالدىدىكى ئالامەت بولۇپ، ئاتا-ئانىلار دەرھال بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.  ۋاقتىدا بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بالىنى ئېمىتىش، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىپ بالىنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش كېرەك. 

ئېغىزىنى دۇمسايتىسا:
ئوغۇل بوۋاقلار ئادەتتە ئېغىزىنى دۇمسايتىش ئارقىلىق كىچىك تەرەتنى بىلدۈرىدۇ. قىز بوۋاقلار بولسا ئېغىزىنى ئۆمچەيتىپ ياكى كالپۇكىنى چىڭ چىشلەپ كىچىك تەرەتنى بىلدۈرىدۇ. 

قوشۇمىسىنى تۈرۈپ يۈزى قىزىرىپ كەتسە:
چوڭ تەرەت بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بالا ئاۋال چىرايىنى تۇتىدۇ، ئاندىن يۈزى قىزىرىدۇ. بۇ چوڭ تەرەتنىڭ  سىگنالى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

ئېغىزىدىن كۆپۈك يېنىپ شۆلگەي ئاقسا؛
پەقەت سۈتنىلا بەرگەندە بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغانلىقى، بۇلماق دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشى زۆرۈرلىكىدىن  دېرەك بېرىدۇ. بالا 4 ئايلىق بولغاندا شۆلگەي بېزىنىڭ ئاجىرىتىپ چىقىرىش مىقدارى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. شۇڭا شۆلگەيمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ ،كۆپۈكچە چىقىرىش قېتىم سانىمۇ كۆپىيىدۇ، ئېغىر بولغاندا شالدام  ئاقىدۇ. بۇ شۆلگەي بېزىنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقتاردا كراخمال ھەزىم قىلىش ئېنزىمى بار بولۇپ، كىراخمال ھەزىم قىلىش رولى بار، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا گۈرۈچ تۈرىدىكى تاماقلارنى يېسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك شۆلگەينىڭ ئىلەشتۈرۈش رولى بار، شۇڭا شالدامنىڭ ئېقىشىنى پەسەيتىدۇ. 

كۆزى نۇرسىز، چىرايى جانسىز. 
ئاغرىپ قالغان بولۇشى مومكىن. ساغلام بوۋاقلارنىڭ  كۆزى ئادەتتە نۇرلۇق بولىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ كۆزى    نۇرسىز، جانسىز كۆرۈنسە مىجەزىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ، بەلكىم ئاللىبۇرۇن بىرەر كېسەلگە گىرىپتار 
بولغان بولۇشى مۇمكىن.  بۇچاغدا چوقۇم تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. ھەرگىز كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك. 

خۇش ياقا-ياقماس بولۇپ قېلىش
بوۋاقلار ئويناۋېتىپ بەزىدە تۇرۇپلا روھى چىقىپ كەتكەندەك بوپ قالىدۇ. باشتىكىدەك تېتىك روھلۇق بولمايدۇ. سىرتقى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسىمۇ ئېنىق بولمايدۇ، تۇرۇپ -تۇرۇپ ئەسنەيدۇ، ئانىسىغىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ.  بۇ بالىنىڭ ئۇيقۇسى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  بۇنداق چاغدا بالىنى يەنە ئويناشقا زورلىماسلىق كېرەك.   بالىغا تىنچ ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش     كېرەك. 

يىغلاش

يىغلاش كۆپ مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئاتا ئانىلار چوقۇم تىرىشىپ يىغلاشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىشى  ۋە بالىنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ،بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. 

باشقا ھەرىكەتلەر 

بوۋاقلارنىڭ7~9ئايلىق بولغان ۋاقتى بەدەن تىلى مەزگىلى، ھەرخىل بەدەن ھالەتلىرى ئارقىلىق ئويىنى ئىپادىلەيدۇ، چىراي ئىپادىسى، ھەرىكەت بولۇشتىن سىرت،يەنە ئاۋازمۇ چىقىرىدۇ، بوۋاقلار ئىككى بىلىكىنى ئېچىپ، بەدىنىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ قۇچاقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنە باشقا بوۋاقلار بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ، خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى، رەھمەت ئېيتقىنىنى، خوش دېگىنىنى بىلدۈرەلەيدۇ. يەنە تېخى بېگىز بارمىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ بىر ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى