بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرى
ۋاقتى: 2016-09-03
ئاۋاتلىقى: 787 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرى
سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەييارلاش
ۋاننا سۈيىنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلەن بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى بىردەك بولىدۇ. تەخمىنەن36سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. تېرمومېتىر بىلەن ئۆلچەشكە بولىدۇ. ئەمما بۇنى تەشەببۇس قىلمايمىز، ئاتا ئانىلار قولى بىلەن سۇ تېمپىراتۇرىسنى بىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. يۇيۇندۇرۇش جەريانىدا سۇ سوۋۇيدۇ، ئەمما قول ئانچە سېزەلمەيدۇ، شۇڭا ئادەتتە قولنىڭ دۇمبىسى، بېغىش، جەينەك ئويمىنى بىلەن سىناش كېرەك. ئانىنىڭ تېرىسى يۇمران، سەزگۈربولسا تېخىمۇ ياخشى سېزەلەيدۇ. بوۋاقنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ قايناقسۇ ئىشلىتىش ھاجەتسىز، ئىلمان سۇ ئىشلەتسە بولىدۇ.
يۇيۇندۇرغاندا تېيىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىش لازىم.
بالىنىڭ تېيىلىپ ۋاننىغا ئۈسۈۋېلىشىنڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاننىنىڭ چۆرىسىگە لۆڭگە قويۇپ قويۇش كېرەك، مەخسۇس يۇيۇنۇش تاختىسى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
ۋاننىنى مۇۋاپىق ئېگىزلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇش.
ۋاننىنى يەرگە قويغاندا بالىنى يۇيۇندۇرۇش بىرقەدەر ئاسان بولىدۇ، ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ يۇيۇندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆرە تۇرۇپ يۇيۇندۇرۇش ئاسان بولىدۇ، ئەمما بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ۋاننىنى پاكارراق ئۈستەلگە قويۇپ، ئولتۇرۇپ يۇيۇندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. ۋاننىنىڭ ئەتراپىغا تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەگلىكى قويۇشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
بالىنىڭ بەدىنىنى قول بىلەن يۇيۇش كېرەك.
ئەڭ ياخشىسى قول بىلەن سۇ سېپىپ يۇيۇندۇرۇش، يۇيغاندا بەك كۈچىمەسلىك كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىمۇ ئاسان ماسلىشىپ بېرىدۇ. ئاۋۋال يۇزىنى، ئاندىن بېشىنى ئاندىن بەدىنىنى يۇيۇش، يۇزىنى يۇيغاندا يۇمشاق لۆڭگە بىلەن يېنىك سۈرتۈش كېرەك.
يۇيۇنۇش سوپۇنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
سوپۇن ئىشلەتكەندىن كېيىن بالىنىڭ بەدىنى بەك سىلىق بولۇپ كېتىپ، تۇتۇش تەس بولىدۇ-دە،ئاسانلا يىقىلىپ كېتىدۇ. سۇغا ياكى يەرگە يىقىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سۈزۈك سۇدا يۇيسىلا بولىدۇ، بېشىنى يۇغاندىمۇ ھەر قېتىم سوپۇن ئىشلىتىش ھاجەتسىز. ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم بولسىلا كۇپايە.
لۆڭگە بىلەن بالىنىڭ بەدىنىنى قۇرۇتۇش كېرەك.
بالىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتمەستىن، لۆڭگىنى ئاستا ئاستا چاپلاپ تۇرۇپ قۇرۇتۇش لازىم. بۇنداق بولغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارىڭ تېرىسىنڭ زەخمىلىنىپ ياللۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال باشقا ئۆيگە ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ.
بالىنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال باشقا ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كەتمەسلىك، ئاۋۋال مۇنچىخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ سىرت بىلەن ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسىنى يېقىنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن باشقا ئۆيگە ئېلىپ چىقسا بولىدۇ.
بالىنىڭ بەدىنى تولۇق قۇرىغاندىن كېيىن كىيىم كىيدۈرۈش كېرەك.
بالىنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋل يۇيۇنۇش لۆڭگىسى بىلەن ئوراپ، بېشى ۋە بەدىنىنى قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بالىغا كىيىم كىيدۈرۈش لازىم. شۇنداق قىلغاندا سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ