ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ ئۆمىلىگەن ۋاقتىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى

بوۋاقنىڭ ئۆمىلىگەن ۋاقتىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى

ۋاقتى: 2016-02-03 ئاۋاتلىقى: 629 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقنىڭ ئۆمىلىگەن ۋاقتىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى 

بوۋاقنىڭ ئۆمىلەش مەزگىلى بولسا ئۇنىڭ ئۆسۈپ يىتىش مەزگىلىدىكى مۇھىم باسقۇچ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئۆمىلىگەندە بالىنىڭ قول-پۇتىدىكى كۈچىنى مەشق قىلدۇرۇپ،  مۇسكۇللارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقلا بالىدا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قوزغىتىدۇ. بۇندىن كېيىنكى ئۆرە تۇرۇشى، ھەرىكەتلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا، تونۇش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ. لېكىن ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىلكى بولىدۇ. ھەممە بالا ئوخشاشلا ئۆمىلەپ بولۇپ ئاندىن ئۆرە تۇرمايدۇ. ئاتا –ئانىلار بۇنىڭغا ئالدىراپ كىتىپ بالىنى زورلىماسلىقى كېرەك. چوقۇم بالىنىڭ ئىخىتىيارى بويىچە ئۆمىلەش مەشقىنى ئېلىپ بىرىش كېرەك. بالىنىڭ ئۆمىلەش باسقۇچىدا نۇرغۇن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بار. 
بۇ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى بىلەمسىلەر ؟؟

بالا ئۇيان بۇيان ئۆمىلەۋاتقان ۋاقىتلاردا،  ھەرخىل خەتەرلىك جايلاردا نەرسىلەرگە تېگىپ كېتىشى مۇمكىن. ئاتا –ئانىلار تۆۋەنكى بىر قانچە خىل ئېھتىياتسىزلىق يۈز بىرىدىغان جايلارغا دىققەت قىلىشقا كېرەك. 

1. قىرلىق بۇيۇملار: ئۈستەلنىڭ قىرلىرى ياكى ئىشكاپلارنىڭ قىرلىرى  بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئيىتقاندا، «خەتەرلىك بەلباغ » ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۇسۇل بولسا، ھەممە ئۈستەللەرنىڭ قىرلىرىغا ئاسرايدىغان قاپ كىرگۈزۈپ قويۇلسا، بالىغا بولغان خەتەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 

2.باشقا خەتەرلىك بۇيۇملار: مەسىلەن: ۋېكلىيۇچاتېل.  بالا ئۇيان –بۇيان ئۆمىلەش داۋامىدا،  ۋېكلىيۇچاتېل ئەتراپىغا بېرىپ قېلىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن توكقا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن.  ئاتا –ئانىلار چوقۇم ۋېكلىيۇچاتېل ئۈستىگە قوغداش قىپىنى كىيگۈزۈشى كېرەك. ۋېكلىيۇچاتېلنى ئىشلەتمىگەن چاغدا قوغداش قېپىنى سىلىپ قويۇش ياكى ۋىكلىيۇچاتىلنى بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.  يەنە چايدان،  دورا قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ بالا بار جايدىن يىراقراق يەرگە قويۇش لازىم. 

3. قاتتىق بولغان پول: سىمونىت، مەر –مەر تاش، فار-فور خىش قاتارلىق پولغا  ياتقۇزۇلغان نەرسىلەر بالىنىڭ ئۆمىلەشنى ئۆگىنىشىگە نىسبەتەن توسالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.   بۇنداق قاتتىق،  سىلىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدە بالا  ئاسانلا يىقىلىپ چۈشۈشى، تېيىلىپ كېتىشى ھەم تولۇقلىغىلى بولمايدىغان بەزىبىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.  خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،  پول ئۈستىگە يۇمشاق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، ئامال بار  بىر قەدەر قېلىن،  يۇمشاق بولغان پالازلارنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى