ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

8 ئايلىق بوۋاقنىڭ دوراش ئىقتىدارى

8 ئايلىق بوۋاقنىڭ دوراش ئىقتىدارى

ۋاقتى: 2016-03-05 ئاۋاتلىقى: 503 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

8 ئايلىق بوۋاقنىڭ دوراش ئىقتىدارى

بۇ ئايلىقتىكى بوۋاقلارنىڭ تاۋۇشى ئۆزگىرىپلا قالماستىن ، يەنە چوڭلارنىڭ ئاۋازىنى دورىغاندىكى تاۋۇشىمۇ ئۆزگىرىپ، دادا-ئاپا دېگەن سۆزنىڭ بوغۇمىنى چىقىرىدۇ.  بوۋاق ئاتا-ئانىنىڭ مېھمانلارغا خوش دىگەن ئىشارىسىنى كۆرگەندە، گەرچە خەيرى-خوش دىگەن بۇ 
سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئەمما كىچىك قوللىرىنى پۇلاڭلىتىدۇ، خۇددى مېھمانلارغا خوش دەۋاتقاندەك.  دادا ياكى ئانا قولىدا ئاۋاز چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقنى بوۋاققا كۆرسەتكىنىدە، بوۋاق ئاۋازىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن، ئەگەر بۇ ئويۇنچۇقنى بوۋاققا تۇتقۇزۇپ قويسا، بوۋاقمۇ ئاۋۋال دوراپ ھەرخىل تاۋۇشلارنى چىقىرىدۇ.  

ئاتا-ئانا بوۋاققا ياغاچ پارچىلىرىدىن ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىدىغان ئويۇننى ئۈگەتكەندە، ئاتا-ئانا ئاۋۋال بىر پارچە ياغاچ پارچىسىنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ، يەنە بىر پارچىسىنى ئېلىپ قاتلايدۇ، ئاندىن بوۋاققا ئۇزىتىپ بېرىدۇ، ئاندىن بوۋاقمۇ ئۇنى دوراپ قاتلاشقا باشلايدۇ.  

بوۋاق ئاتا-ئانىسىنى چاقىرغاندا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئېغىزىدا جاۋاپ بىرىپلا قالماستىن يەنە بوۋاققا :«قوزام، ئاپاڭغا قارا» دېگەچ رېتىملىق ھالدا بىشىنى لىڭشىتىپ، بوۋاقنىڭ بىشىنى لىڭشىتقان-لىڭشىتمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.  بوۋاق ئازراقلا ھەرىكەت قىلسا (يەنى بىشىنى لىڭشىتسا)، ئاتا-ئانا بىشىنى تېخىمۇ بەكرەك لىڭشىتىشى كېرەك.  بۇنداق بولغاندا بوۋاقنىڭ دورىشىغا قولايلىق بولىدۇ.  

بوۋاق بۇ مەزگىلدە پەقەت بېشى ئارقىلىقلا دورىيالايدۇ.  بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بوۋاققا قول، ئېغىز ئارقىلىق دوراشنى ئۈگەتكىلى بولىدۇ.  
بوۋاقنىڭ يۈز قولىنى يۇيغاندا، بوۋاقنىڭ دوراش پىسخىكىسىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.  بوۋاقنى ئانا ياكى دادىسىنىڭ ھەرىكىتىگە ئاساسەن، بوۋاققا قولنى سۈرتۈش ھەرىكىتىنى ئۆگەتسە بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى