ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر ياشلىق بوۋاقنىڭ دوراش ئىقتىدارى

بىر ياشلىق بوۋاقنىڭ دوراش ئىقتىدارى

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 639 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر ياشلىق بوۋاقنىڭ دوراش ئىقتىدارى

بوۋاق بىر ياشقا كىرگەندە، دوراش ئاكتىپچانلىقنى ئىچىگە ئالىدۇ.  بىر ياشقا كىرگەن بالا ئاتا-ئانىنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا نىسبەتەن، پەقەت پاسسىپ ھالدا دوراپلا قالماي، يەنە ئاكتىپ ھالدىمۇ دورىيالايدۇ.  چۈنكى بوۋاق بارغانسېرى چۈشىنىدۇ، ئۆزى بىلەن ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە يەنە ئىلگىرلەپ كىرىدۇ.  ئاتا-ئانىمۇ بوۋاقنىڭ بارغانسېرى چوڭ ئادەملەرنى دوراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.  

بوۋاق ئاپىسىنىڭ دەسمال ئارقىلىق ئۈستەلنى سۈرتكەنلىكىنى كۆرگەندە يېنىدا تۇرۇۋىلىپ، ئۈستەلنى قالايمىقان سۈرتىدۇ.  دادىسىنىڭ بولقا بىلەن بىر نەرسىنى رېمونت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، قولىدىكى كىچىك قوشۇقلارنى جوزىغا ئۇرىدۇ.  

بوۋاق يەنە ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئىشلارنىڭ يۈرۈشىشىنى تېزلەشتۈرىدۇ.  مەسىلەن، بوۋاققا كىيىم كىيگۈزگەندە بوۋاق ياۋاشلىق بىلەن بىلەكلىرىنى يەڭنىڭ ئىچىگە سالىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ پايپىقىنى ئەكىلىپ ئاپىسىنىڭ ئۇنى كىيگۈزۈپ قويىشىغا بېرىدۇ.  بۇ مەزگىلدە، ئاتا-ئانا بولغۇچى شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى، دائىم بوۋاققا نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغىنىنى دەپ بېرىشى كېرەك.  بوۋاققا سىناپ بېقىش پۇرسىتى بېرىپ، بىر قانچە قېتىم ئۆتكەندىن كىيىن ئاتا-ئانا ھەيرانلىق بىلەن بوۋاقنىڭ ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.  

سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئاتا-ئانا بولغۇچى، بوۋاقنىڭ دائىم توغرا ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋەرمەسلىكى كېرەك.  بوۋاق خاتا چۈشىنىپ قالىدىغان ياكى خاتا قىلىپ سالىدىغان ئىشلار چوقۇم كۆپ بولىدۇ.  مەسىلەن: بوۋاق قەلەم بىلەن قاچا ئىچىگە سىزىپ قويىدۇ.  چىش چوتكىسى بىلەن چىچىنى تارايدۇ.  .  .  .  .  .  دېگەندەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى