ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئۈچ باسقۇچى

بوۋاقنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئۈچ باسقۇچى

ۋاقتى: 2015-10-21 ئاۋاتلىقى: 672 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئۈچ باسقۇچى

ئاددي جەمئيەت ئىنكاسى باسقۇچى

6~0 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار ئۆزىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق سىگنال چىقىرىدۇ.  مەسىلەن: يىغلاش، كۈلۈش، پۇت-قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، چىراي ئىپادىسى دېگەندەك تاشقى دۇنياغا بولغان ئىنكاسى، بۇ ئالاقىلىشىش قوراللىرى بولسا تۇغما ئىرسىيەتتۇر.  ئىككى ھەپتىلىك بولغان كىچىك بوۋاقلار ئانىسى بىلەن باشقىلارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.  ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ كۈلۈمسىرەيدۇ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.  (ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ)

بوۋاقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئاللىقاچان قۇرۇلۇپ بولغان بولىدۇ.  پەقەت قارىماققا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىئولوگىيىلىك قوغداش ئىقتىدارى مەسىلەن: بىر ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلار يىغلايدۇ، بىرى يىغلىسا يەنە بىرسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەڭ يىغلايدۇ، بۇ بىر خىل ياردەم بېرىش، ھېسداشلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ.  6~5 ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، بىر بوۋاق يىغلىسا يەنە بىر بوۋاق نەزىرىنى ئاغدۇرۇشى، ھەتتا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشى مۈمكىن.  

باققۇچىغا بولغان رىشتە مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلىشى

ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاق ئادەم تونۇيالايدىغان بولىدۇ.   بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاق ئىنتايىن روشەن ھالدا تونۇش ئادەم بىلەن ناتونۇش ئادەمنى پەرق ئېتەلەيدۇ.  ئانىسى بىلەن بىللە بولغاندا ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، يەنە يىغلاش ئارقىلىق ئانا قاتارلىق رىشتە باغلانغان كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ.  بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ ئۆمىلەش ئىقتىدارى ئۇلارنى ئاكتىپ ھالدا باشقىلار بىلەن ئالەقە قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە قىلىدۇ.  

تەڭتۇشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققى قىلىش باسقۇچى

بوۋاق 11 ئايلىق بولغاندا ئاللىقاچان بەلگىلىك دەرىجىدە ھەرىكەت ئىقتىدارى بولىدۇ.  ئەتراپىدىكى دۇنياغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.  كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان جەمئىىيەت ئېھتىياجى ۋە كۈچلۈك قىزىقىشى بولىدۇ.  بولۇپمۇ تەڭتۇش دوستلىرى بىلەن ئويناشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى