ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىققا دائىر ئومۇمىي ساۋات

بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىققا دائىر ئومۇمىي ساۋات

ۋاقتى: 2016-06-30 ئاۋاتلىقى: 593 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلاردىكى  ئىشتىھاسىزلىققا دائىر ئومۇمىي ساۋات

بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىق ئاساسلىقى بالىلار 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا كۆرۈلىدىغان ئۇزۇن مەزگىل ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئۆزى مۇستەقىل كېسەللىك ئەمەس. ئىشتىھاسىزلىق يەنە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىق ئالامەتلىرىدىن قۇسۇش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت ، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، تەرىتىگە قان ئارىلاش كېلىش قاتارلىقلار. بۇ ئالامەتلەر ھەزىم قىلىش يولىنىڭ فونكىسىيەلىك ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپلا قالماستىن، بۇ خىل ئالامەتلەر باشقا سىستېمىلاردا كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، بولۇپمۇ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەر ۋە روھىي جەھەتتىكى توسالغۇلار يۈز بەرگەندە ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈش، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك، ئەسلى كېسەللىكنى تېپىپ چىقىپ دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كېرەك.

بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىق ئالامىتى كېلىپ چىقىشنىڭ سەۋەپلىرى قايسىلار؟

1.كۆپ ساندىكى ئىشتىھاسىزلىق ناتوغرا يېمەك- ئىچمەك ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يىيىش، تاماقتىن بۇرۇن كۆپ مىقداردا ئىچىملىك ئىچىش، تاماق يېگەندە زېھنىنى يىغماسلىق(بىر تەرەپتىن ھېكايە ئاڭلىغاچ ياكى تېلېۋىزور كۆرگەچ يېيىش) قاتارلىق ياخشى بولمىغان ئادەتلەر ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ھەزىم قىلىش ئېنزىمىنى تىزگىنلەپ قويىدۇ ياكى شۇلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋىتىدۇ-دە، بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2.ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن مۇددەت بالىغا زورلاپ تاماق يېگۈزگەنلىكنىڭ ئاقىۋىتى. ئاتا ئانىلار دائىملا پەرزەنتلىرىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي قېلىشىدىن، بويىنىڭ ئۆسمەي قېلىشىدىن، تاماقنى بەك ئاز يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلارغا زورلاپ تاماق يىگۈزىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ بالىلاردا تاماق يىيىش بىر خىل جازالاش ئۇسۇلىدەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ، بارا بارا بالىلاردا شەرتلىك رېفلىكس شەكلى ئارقىلىق تاماق يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئاخىرىدا ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.ئاشقازان ئۈچەي يولىدىكى كېسەللىكلەر: مەسىلەن، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، ئاستا خاراكتېلىك ئۈچەي ياللۇغى، ھەر خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچى سۈرۈش، ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەپلەر.

4.ھەزىم قىلىش يولىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە ئىستېمال قىلسا ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىش ، قۇسۇش قاتارلىق ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدىغان دورىلار، مەسىلەن ئېرىترومىتسىن، خلورامفېنىكول، سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلار ۋە ئامىنوفىللىن قاتارلىق دورىلار ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر: مەسىلەن، تۇبېركليۇز، كوللاگىن كېسەللىكى ، قان ئازلىق ۋە بىر قىسىم ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشلار.

6.باشقىلار مەسىلەن جىگەر ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، يۇقىرى قان بېسىم، كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، يۈرەك ئىقتىدارى نورمال بولماسلىق، ھەزىم قىلىش يولىدا قان يىغىلىپ قېلىش قاتارلىقلار.

7.ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن Dدىن زەھەرلىنىش.

8.كەيپىيات ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان ئىشتىھاسىزلىق، ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىقتىن يېمەكلىكلەرنى نورمال تەڭشەپ يېمەسلىكتىن بالىلاردا نېرۋا مەنبەلىك ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9.سىنىك كەم بولۇشمۇ ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىلنى تاپالمىغاندا، قاندىكى ياكى چاچتىكى سىنىكنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىزلىققا گىرىپتار بولغىنىنى چۈشەندۈرەمدۇ ؟

نۇرغۇن ئاتا ئانىلار دائىم پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن قاقشايدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ <ئىشتىھاسىزلىق>قا گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىنى سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىشتىھاسىنىڭ ناچار بولغانلىقىغا قاراپلا <ئىشتىھاسىزلىق>قا گىرىپتار بولغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئىشتىھاسىزلىق دېيىش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن بالىلاردىكى زۇكام ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلىكلەرنى (مەسىلەن: ئۇزۇن مۇددەت ئىچى سۈرۈش، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، تۇبىرۇليۇز قاتارلىقلار) چىقىرىۋېتىش كېرەك، ئەگەر يۇقارقى سەۋەب بىلەن يۈز بەرگەن بولسا، بۇ ئىنتايىن نورمال ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى، كېسەللەر تولۇق ساقىيىپ ئەسلىگە كەلگەندە، ئىشتىھاسىزلىقمۇ ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. تىبابەتتە بالىلارغا ئىشتىھاسىزلىق ئالامىتى دەپ دىئاگنوز قويۇشتا تۆۋەندىكىدەك ئۆلچەملەر بار:

ئىشتىھاسىزلىق ۋاقتى: 6 ئايدىن يۇقىرى(6 ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
تاماق يېيىش مىقدارى: ئاقسىل، ئىسسىقلىق ئىنىرگىيەسىنىڭ يەتكۈزۈلىشى ئەسلىدىكى ئۆلچەمنىڭ 70%~ 75%گە يەتمەيدۇ، مېنىرال ماددا ۋە ۋىتامىنلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئەسلىدىكى ئۆلچەمنىڭ 5%گە يەتمەيدۇ؛ 3ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ھەر كۈنلۈك دانلىق زىرائەتلەرنى قوبۇل قىلىشى 50گرامغا يەتمەيدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىشى: بوي ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ نورمال ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن تۆۋەن بولىدۇ.(ئىرسىي ئامىل تەسىر كۆرسەتكەندىن سرت)، ئىشتىھاسى ناچار بولغان مۇشۇ مەزگىلدە بوي ئېگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى ئاشمايدۇ.
تەم سەزگۈسىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ. تىلدىكى موگوسىمان شورىغۇچى چوڭىيىپ كېتىدۇ ياكى كىچىكلەپ كېتىدۇ.

ئادەتتىكى ئىشتىھاسىزلىق مەزگىلى 2 ھەپتىدىن ئۇزۇن داۋاملىشىشى كېرەك.

شۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، كۆپىنچە بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىقنى < ئىشتىھاسىزلىق > كېسىلى دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

3.كېسەللىكتىن سرت باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشتىھاسىزلىقنى قانداق تۈزەيمىز؟

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، 1~7 بولغان ئىشتىھاسىزلىق كۆرۈلگەن بالىلار ئىچىدە، پەقەت 17% بالىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، قالغان 83% بالىنىڭ يىمەك-ئىچمەكلىرى ماسلاشماسلىق، تاماق يېيىش ئادىتى ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبلىرىدىن كېلىپ چىققان.
كېسەللىكتىن باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشتىھاسىزلىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 7 تەرەپتىن ئويلىشىمىز.

مۇقىم ۋاقىتتا تاماقلىنىش، ئۇششاق يېمەكلىكلەنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش. بالىلارنىڭ نورمال تامىقى ئەتىگەنلىك تاماق، چۈشلۈك تاماق، چۈشتىن كىيىن پېچىنە- پىرەنىك ۋە كەچلىك تاماقتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. 3 ۋاق تاماق بىر قوشۇمچە يېمەكلىك يېيىشنى ئىزچىللاشتۇرسا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ ھەم ياخشى ئارام ئالىدۇ ھەم خىزمىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. بالىلارغا ئۇششاق يېمەكلىك يىگۈزمەسلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، مۇھىمى ،بەك كۆپ يەۋالماسلىقى كېرەك، ھەم تاماق ئورنىدا يىيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

سوغۇق ئىچىملىك ۋە تاتلىق تۈرۈملەرگە چەك قويۇش. سوغۇق ئىچىملىك ۋە تاتلىق تۈرۈمگە ھەر قانداق بالا ئامراق، بىراق بۇ ئىككىسى ئىشتىھاغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. جوڭگو تىبابىتىدە سوغۇق ئىچىملىكلەر تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ، غەرب تىبابىتىدە بۇلار ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. تاتلىق تۈرۈملەرنى كۆپ يېگەندە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ قورساقنى تويدۇرۇش رولى كۈچلۈك بولغاچقا، نورمال تاماق يىيىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا چەك قويۇش كېرەك.

يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىنىدۇ، بىراق بەدەننىڭ بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ تەرەپتىكى بىلىملەرنىمۇ چۈشىنىشى كېرەك. ھەر قايسى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارىسىدىكى نىسبەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى نورمال ئوزۇقلىنىش كېرەك، ھەر كۈنى پەقەت گۆش، سۈت، تۇخۇم، پۇرچاقلا يەپ قالماي، يەنە بەش خىل زىرائەت، سەي-كۆكتات، مىۋە–چېۋىنىمۇ قوشۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. ھەر ۋاخ تاماقتا گۆشلۈك-گۆشسىز، يىرىك-يۇمشاقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى مېۋىلەرنى كۆپ يېگەندە ئەكس تەسىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئاپلىسىننى كۆپ يېگەندە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، نەشپۈتنى كۆپ يېگەندە جىگەر ئاشقازاننى زەخمىلەندۈرىدۇ، پەمىدۇرنى كۆپ يېگەندە قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ.

تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش: تاماق ئەتكەندە، يېمەكلىكلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ئۆزگىرىپ، ھەزىم قىلىپ، سۈمۈرۈلۈشكە ئاسان بولىدۇ، بىراق، تاماق ئەتكەندە چوقۇم بالىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىش كېرەك. مەسىلەن، بالىنى ئايرىۋەتكەندىن كىيىن، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى يەنىلا ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا ئەتكەن تاماق يۇمشاق، پىششىق پىشقان بولۇشى كېرەك؛ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چايناش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن، تاماقلار سەل يىرىك، پۈتۈنرەك بولسىمۇ بولىدۇ.

تاماق تاللاشتىن ساقلىنىش. تاماق تاللاش بالىلارنىڭ يېمەكلىك ئىچىدىكى بەدەن ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەدەنگە بولغان تەسىرى ياخشى ئەمەس. ئالدى بىلەن ئاتا ئانىلار ئۆزلىرى تاماق تاللىماسلىقى كېرەك، باللىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ ئولتۇرماسلىق، ھەم ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلىرىنى بالىلىرىغا زورلاپ يېگۈزمەسلىك كېرەك. ئاندىن بالىلىرى بەك ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكنىمۇ مۇۋاپىق چەكلەش كېرەك، كۆپ يەپ جىگەر ئاشقازانغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم، يەنە دائىم يەيدىغان سەينىڭ تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، بالىلاردا بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ ھاسىل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
يېتەرلىك ئۇيقۇغا، مۇۋاپىق چېنىقىش، مۇقىم ۋاقىتتا چىقىرىپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، مۇۋاپىق بولغان تۇرمۇش تۈزۈمى ئىشتىھانى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تاماق يەيدىغان مۇھىتنى ياخشىلاش. تاماق يەۋاتقاندا، چوڭلار يۇقىرى ئاۋازا پاراڭلىشىپ، كۈلۈشسە،رادىئو ئاڭلىسا، تېلېۋىزور كۆرسە، بالىلارنىڭ تاماق يېگەندىكى زېھنى ئاسانلا چېچىلىپ كېتىدۇ-دە، تاماق يېيىش قىزغىنلىقى يوقاپ، تاماق يىيىشتىن توختاپ قالىدۇ. شۇڭا ھەر خىل دەخلى قىلىدىغان ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاپ، بالىلارنىڭ زېھنىنى يىغىپ تاماق يىيىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. بالىلارنىڭ تاماق يېيىشىگە ئاتا- ئانىلار بەك ئارلىشىۋالماسلىقى كېرەك، ھەم بەك مەجبۇرلاپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۈستەل ئۈستىدە بالىلار ئۈچۈن خاتىرجەم، ئىللىق ئائىلە كەيپىياتى يارىتىپ بېرىش لازىم، ئۇندىن سرت، بالىلارنى ئامال بار چوڭلار بىلەن بىللە تاماق يېگۈزۈش ۋە بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تاماق يىيىشتىكى ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى